1-2 ــ ئاناڭلارغا دەۋايىمنى يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىڭلار؛ چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئايالىم ئەمەس ۋە مەن ئۇنىڭ ئېرى ئەمەس؛ ئۇ پاھىشىلىك تۇرقىنى چىرايىدىن، زىناخورلۇق ھالەتلىرىنى كۆكسىنىڭ ئارىسىدىن ياقاتسۇن! ◼ 2:1-2 +bd «ئاناڭلارغا دەۋايىمنى يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىڭلار؛ چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئايالىم ئەمەس ۋە مەن ئۇنىڭ ئېرى ئەمەس؛ ئۇ پاھىشىلىك تۇرقىنى چىرايىدىن، زىناخورلۇق ھالەتلىرىنى كۆكسىنىڭ ئارىسىدىن ياقاتسۇن!»+bd* ــ دېمىسەكمۇ بۇ سۆزلەر ھەم پەيغەمبەرنىڭ ئۆز بالىلىرىغا ھەمدە خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە ئېيتقانلىرىدۇر. تۆۋەندىكى سۆزلەر (14-3) ئاساسەن خۇدانىڭ ئىسرائىلغا بولغان سۆزلىرى ــ بىراق بەزىلىرى پەيغەمبەرنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا ماس كېلىدۇ.*
3بولمىسا، مەن ئۇنى قىپ-يالىڭاچ قىلىپ قويىمەن، تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك ئانىدىن تۇغما قىلىپ قويىمەن؛
4ئۇنىڭ بالىلىرىغا رەھىم قىلمايمەن،
5چۈنكى ئۇلارنىڭ ئانىسى پاھىشىلىك قىلغان،
6ــ شۇڭا مانا، مەن يولۇڭنى تىكەن-جىغانلىقلار بىلەن چىتلاپ قورشىۋالىمەن،
7شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاشنىلىرىنى قوغلايدۇ، بىراق ئۇلارغا يېتىشەلمەيدۇ؛
8ــ ئۇ زىرائەتلەرنى، يېڭى شاراب ۋە زەيتۇن مېيىنى تەمىنلىگۈچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى،
9شۇڭا مەن قايتىپ كېلىمەن، ئۇنىڭدىكى زىرائەتلىرىمنى ئۆز ۋاقتىدا،
10ھازىر مەن ئۇنىڭ نومۇسسىزلىقىنى ئاشنىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارىلايمەن،
11شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ تاماشالىرىغا خاتىمە بېرىمەن؛
12ۋە مەن ئۇنىڭ ئۈزۈم تاللىرىنى ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرىنى ۋەيران قىلىمەن؛
13مەن ئۇنىڭ بېشىغا «بائال»لارنىڭ كۈنلىرىنى چۈشۈرىمەن؛
14شۇڭا مانا، مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالىمەن،
15شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭغا شۇ يەردە ئۈزۈمزارلىرىنى قايتۇرىمەن،
16ۋە شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ«سەن مېنى «ئېرىم» دەپ چاقىرىسەن،
17چۈنكى مەن «بائال»لارنىڭ ناملىرىنى سېنىڭ ئاغزىڭدىن ئېلىپ تاشلايمەن،
18شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلار ئۈچۈن دالادىكى ھايۋانلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ۋە يەر يۈزىدىكى ئۆمىلىگۈچىلەر بىلەن ئەھدە تۈزىمەن؛ مەن ئوقيا، قىلىچ ۋە جەڭنى سۇندۇرۇپ زېمىندىن ئېلىپ تاشلايمەن؛ خەلقىمنى* ئامان-ئېسەن ياتقۇزىمەن. ◘ 2:18 ئايۇپ 5:23؛ يەش. 11:6؛ ئەز. 14:21؛ 34:25*
19شۇنداق قىلىپ مەن سېنى ئەبەدىلئەبەد ئۆزۈمگە باغلايمەن؛ ھەققانىيلىقتا، مېھىر-مۇھەببەتتە، رەھىم-شەپقەتلەردە سېنى ئۆزۈمگە باغلايمەن؛ ◼ 2:19 +bd «مەن سېنى ... ئۆزۈمگە باغلايمەن»+bd* ــ بۇ سۆز ئادەتتە قىزنى ئۆزىگە ئەمرىگە ئېلىشىنى بىلدۈرىدۇ.*
20ساداقەتلىكتە سېنى ئۆزۈمگە باغلايمەن، شۇنىڭ بىلەن سەن پەرۋەردىگارنى بىلىپ يېتىسەن. ◼ 2:20 +bd «ھەققانىيلىقتا، مېھىر-مۇھەببەتتە، رەھىم-شەپقەتلەردە.... ساداقەتلىكتە (سېنى ئۆزۈمگە باغلايمەن)»+bd* ــ دېگەن سۆزلەر خۇدانىڭ قىلىدىغانلىرىنى سۈپەتلەيدۇ، ئەلۋەتتە. بىراق ئىشىنىمىزكى، بۇ سۆزلەر يەنە كەلگۈسىدىكى +bd ئىسرائىلنىڭ+bd* خۇدانىڭ مۇھەببىتىگە بولغان ئىنكاسىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئىسرائىل شۇ كۈنى يەنە ۋاپاسىز بولمايدۇ. بۇ چوڭ بىر ئۆزگىرىش، چوڭ بىر مۆجىزىدۇر!* ◘ 2:20 يەر. 31:33، 34*
21ۋە شۇ كۈنىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، «مەن ئاڭلايمەن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ «مەن ئاسمانلارنىڭ تەلىپىنى ئاڭلايمەن، بۇلار يەر-زېمىننىڭ تەلىپىنى ئاڭلايدۇ؛
22يەر-زېمىن زىرائەتلەرنىڭ، يېڭى شاراب ۋە زەيتۇن مېيىنىڭ تەلىپىنى ئاڭلايدۇ؛ ۋە بۇلار «يىزرەئەل»نىڭ تەلىپىنى ئاڭلايدۇ! ◼ 2:22 +bd «...بۇلار «يىزرەئەل»نىڭ تەلىپىنى ئاڭلايدۇ!»+bd* ــ «يىزرەئەل» دېگەن ئىسىم «ئىسرائىل» دېگەن ئىسىم بىلەن تەلەپپۇز جەھەتتە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، مۇشۇ يەردە ئىسرائىلنى كۆرسىتىدۇ. بىراق ھوشىيانىڭ بىرىنچى ئوغلى «يىزرەئەل»نىڭ ئانىسىنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن تۇغۇلۇپ (4:2نى كۆرۈڭ) ئاندىن شۇ سەۋەبىدىن ئاتىسىدىن ئايرىلغىنىدەك، ئىسرائىل «ئانىسىنىڭ ۋاپاسىزلىقى» بىلەن خۇداسىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ھازىر خۇداسى بىلەن ئەپلەشتۈرۈلگەن بولىدۇ.*