ھوشىيا 4:1-18 UIGB2010 - Bible AI

1پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ئىسرائىل بالىلىرى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار بىلەن قىلىدىغان دەۋاسى بار؛ چۈنكى زېمىندا ھېچ ھەقىقەت، ھېچ مېھرىبانلىق، خۇدانى ھېچ بىلىش-تونۇش يوقتۇر؛ ◘ 4:1 مىك. 6‏:2*

2قارغاش-تىللاش، يالغانچىلىق، قاتىللىق، ئوغرىلىق، زىناخورلۇق ــ بۇلار زېمىندا يامراپ كەتتى؛ قان ئۈستىگە قان تۆكۈلىدۇ. ◼ 4:2 +bd «قان ئۈستىگە قان تۆكۈلىدۇ»+bd* ــ ياكى ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى ياكى (بەزى ئالىملارنىڭ پىكرىچە) خالىغانچە ئادەملەرنى تۇتۇۋېلىپ ئۇلارنى بۇتلارغا «ئىنسان قۇربانلىق»ى قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.*

3مانا شۇ سەۋەبتىن زېمىن ماتەم تۇتىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى جۈدەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار دالادىكى ھايۋانلار ھەم ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار بىلەن بىللە جۈدەپ كېتىدۇ؛ بەرھەق، دېڭىزدىكى بېلىقلارمۇ يەپ كېتىلىدۇ.

4ئەمدى ھېچكىم دەۋا قىلىشمىسۇن، ھېچكىم ئەيىبلەشمىسۇن؛ چۈنكى مېنىڭ دەۋايىم دەل سەن بىلەن، ئى كاھىن! ◼ 4:4 +bd «مېنىڭ دەۋايىم دەل سەن بىلەن، ئى كاھىن!»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «خەلقىڭ كاھىن بىلەن دەۋالاشقاندەك بولدى».

5سەن كۈندۈزدە پۇتلىشىپ يىقىلىسەن؛ پەيغەمبەرمۇ سەن بىلەن كېچىدە تەڭ پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ ۋە مەن ئاناڭنى ھالاك قىلىمەن. ◼ 4:5 +bd «پەيغەمبەرمۇ سەن بىلەن كېچىدە تەڭ پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ»+bd* ــ «پەيغەمبەر» ساختا پەيغەمبەرنى ياكى (بۇتپەرەسلىك ياكى يالاقچىلىق قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن) ئۆز مەنپەئىتىگە سېتىلىپ كەتكەن پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ. +bd «ۋە مەن ئاناڭنى ھالاك قىلىمەن»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ۋە سەن ئۆز ئاناڭنى مۇنداق ھالاك قىلماقتاسەن».*

6مېنىڭ خەلقىم بىلىمسىزلىكتىن ھالاك قىلىندى؛ ۋە سەنمۇ بىلىمنى چەتكە قاققانىكەنسەن، مەنمۇ سېنى چەتكە قاقىمەنكى، سەن ماڭا يەنە ھېچ كاھىن بولمايسەن؛ خۇدايىڭنىڭ قانۇن-كۆرسەتمىسىنى ئۇنتۇغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، مەنمۇ سېنىڭ بالىلىرىڭنى ئۇنتۇيمەن. ◼ 4:6 +bd «مېنىڭ خەلقىم بىلىمسىزلىكتىن ھالاك قىلىندى؛ ۋە سەنمۇ بىلىمنى چەتكە قاققانىكەنسەن، مەنمۇ سېنى چەتكە قاقىمەن...»+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «بىلىم» شۈبھىسىزكى، خۇدانى بىلىش دېگەنلىكتۇر.*

7ئۇلار كۆپەيگەنسېرى، ماڭا قارشى كۆپ گۇناھ سادىر قىلدى؛ مەن ئۇلارنىڭ شان-شەرىپىنى شەرمەندىچىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن. ◼ 4:7 +bd «ئۇلار كۆپەيگەنسېرى... مەن ئۇلارنىڭ شان-شەرىپىنى شەرمەندىچىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن»+bd* ــ «ئۇلار» كاھىنلارنى ياكى (6-ئايەتتە ئېيتىلغان) «كاھىنلارنىڭ بالىلىرى»نى كۆرسىتىدۇ. +bd «مەن ئۇلارنىڭ شان-شەرىپىنى شەرمەندىچىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن»+bd* ــ «كاھىن بولۇش» ناھايىتى شەرەپلىك ئىش، ئەلۋەتتە. ئۇلارنىڭ شەرەپلىك ۋەزىپىلىرى خەلققە خۇدانىڭ قانۇن-كۆرسەتمىلىرىنى ئۆگىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىراق بۇنىڭ ئورنىدا ئۇلار ئۆزى «خۇدانىڭ قانۇن-كۆرسەتمىلىرىنى ئۇنتۇغان» (6-ئايەت).*

8ئۇلار خەلقىمنىڭ گۇناھىنى يەيدىغان بولغاچقا،

9ۋە خەلقىم قانداق بولسا، كاھىنلارمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ مەن كاھىنلارنىڭ* تۇتقان يوللىرىنى ئۆز ئۈستىگە چۈشۈرىمەن، ئۆز قىلمىشلىرىنى بېشىغا قايتۇرىمەن. ◼ 4:9 +bd «خەلقىم قانداق بولسا، كاھىنلارمۇ شۇنداق بولىدۇ»+bd* ــ دېمەك، خەلقىم جازايىمنى تارتقانىكەن، سەن كاھىنمۇ بۇنىڭدىن خالىي بولمايسەن؛ ئالاھىدە ئىمتىيازلىرىڭ سېنى قۇتقۇزمايدۇ، ئەكسىچە تارتىدىغان جازايىڭ تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.* ◘ 4:9 يەش. 24‏:2*

10ئۇلار يەيدۇ، بىراق تويمايدۇ،

11ئۆزلىرىنى پاھىشىلىك، شاراب ۋە يېڭى شارابقا بېغىشلىدى؛

12خەلقىم ئۆز تايىقىدىن يوليورۇق سورايدۇ،

13تاغ چوققىلىرىدا قۇربانلىق قىلىدۇ،

14مەن قىزلىرىڭلارنى پاھىشىلىكلىرى ئۈچۈن،

15سەن، ئى ئىسرائىل، پاھىشىلىك قىلىشىڭ بىلەن،

16چۈنكى تەرسا بىر قىسىر ئىنەكتەك، ئىسرائىل تەرسالىق قىلىدۇ؛ پەرۋەردىگار قانداقمۇ پاخلاننى باققاندەك، ئۇلارنى كەڭ بىر يايلاقتا ئوزۇقلاندۇرسۇن؟ ◼ 4:16 +bd «پەرۋەردىگار قانداقمۇ پاخلاننى باققاندەك، ئۇلارنى كەڭ بىر يايلاقتا ئوزۇقلاندۇرسۇن؟»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمە: «ئەمدى پەرۋەردىگار ھازىر ئۇلارنى پاخلاننى باققاندەك كەڭ بىر يايلاقتا ئوزۇقلاندۇرىدۇ!». بۇ ئىككىنچى خىل تەرجىمىسىنىڭ مەنىسى توغرا بولسا ئۇنىڭ مەنىسى: «پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى ئۇلارنى سۈرگۈن قىلدۇرىدۇ» دېگەنلىك بولىدۇ.*

17ئەفرائىم بۇتلارغا چاپلاشتى؛

18ئۇلارنىڭ شارابى تۈگىشى بىلەنلا،

© 2010 Institute for Bible Translation
iv>