1يېرۇسالېمدا پادىشاھ بولغان، داۋۇتنىڭ ئوغلى «ھېكمەت توپلىغۇچى»نىڭ سۆزلىرى: ــ ◼ 1:1 +bd «ھېكمەت توپلىغۇچى»+bd* ــ يازغۇچى ئۆزىنىڭ سۇلايمان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نۇقتا 16-ئايەت، 7:2-ئايەت قاتارلىقلاردا ئىسپاتلىنىدۇ. كىتابنىڭ نامى ئەسلىي ئىبرانىي تىلىدا «كوھەلەت» دېيىلىدۇ، ئۇنىڭ مەنىسى: «توپلىغۇچى» «رەتلىگۈچى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، بىز ئۇنى «ھېكمەت توپلىغۇچى» (دېمەك، «ئوي-پىكىرلەرنى رەتلىگۈچى») دەپ تەرجىمە قىلدۇق. بەزىلەر ئۇنى يەنە «تەلىم بەرگۈچى»، «ۋەز ئېيتقۇچى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىدۇ.*
2«بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك!» ــ دەيدۇ «ھېكمەت توپلىغۇچى» ــ «بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك! ھەممە ئىش بىمەنىلىكتۇر!» ◼ 1:2 +bd «بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك!»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بىمەنىلىكلەرنىڭ بىمەنىلىكى!». بۇ خۇددى «كۈيلەرنىڭ كۈيى» «ئەڭ گۈزەل كۈي» دېيىلگەنگە ئوخشاشتۇر، «بىمەنىلىكلەرنىڭ بىمەنىلىكى» بەلكىم «ھاياتلىق ئالەمدە «ئەڭ بىمەنىلىك ئىشتۇر!»» دېگەننى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.* ◘ 1:2 زەب. 62:9؛ 144:4*
3قۇياش ئاستىدا تارتقان جاپالىرىدىن ئىنسان نېمە پايدىغا ئېرىشەر؟ ◼ 1:3 +bd «قۇياش ئاستىدا»+bd* ــ بۇ «ھېكمەت توپلىغۇچى»دىكى ئاچقۇچلۇق سۆزدۇر. يازغۇچىنىڭ بايانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى «ئاسماندىن (خۇدادىن) كەلگەن ۋەھىي» بىلەن ئەمەس، بەلكى «ئاپتاپ ئاستى» ياكى «قۇياش ئاستى»دىكى كۆزقاراش بىلەن ئېيتىلغان. ئۇ قەستەن شۇنداق كۆز-قاراشنى سۆزلەيدۇ. «كىرىش سۆز» ۋە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.* ◘ 1:3 توپ. 2:22؛ 3:9*
4بىر دەۋر ئۆتىدۇ، يەنە بىر دەۋر كېلىدۇ؛
5كۈن چىقىدۇ، كۈن پاتىدۇ؛
6شامال جەنۇبقا قاراپ سوقىدۇ؛
7بارلىق دەريالار دېڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ، بىراق دېڭىز تولمايدۇ؛
8بارلىق ئىشلار جاپاغا تولغاندۇر؛
9بولغان ئىشلار يەنە بولىدىغان ئىشلاردۇر؛
10«مانا، بۇ يېڭى ئىش» دېگىلى بولىدىغان ئىش بارمۇ؟
11بۇرۇنقى ئىشلار ھازىر ھېچ ئەسلەنمەيدۇ؛
12مەنكى ھېكمەت توپلىغۇچى يېرۇسالېمدا ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغانمەن؛
13مەن دانالىق بىلەن ئاسمانلار ئاستىدا بارلىق قىلىنغان ئىشلارنى قېتىرقىنىپ ئىزدەشكە كۆڭۈل قويدۇم ــ
14مەن قۇياش ئاستىدىكى بارلىق قىلىنغان ئىشلارنى كۆرۈپ چىقتىم، ــ
15ئەگرىنى تۈز قىلغىلى بولماس؛
16مەن ئۆز كۆڭلۈمدە ئويلىنىپ: «مانا، مەن ئۇلۇغلىنىپ، مەندىن ئىلگىرى يېرۇسالېم ئۈستىگە بارلىق ھۆكۈم سۈرگەنلەردىن كۆپ دانالىققا ئېرىشتىم؛ مېنىڭ كۆڭلۈم نۇرغۇن دانالىق ۋە بىلىمگە ئېرىشتى» ــ دېدىم.
17شۇنىڭ بىلەن دانالىقنى بىلىشكە، شۇنىڭدەك تەلۋىلىك ۋە ئەخمىقانىلىكنى بىلىپ يېتىشكە كۆڭۈل قويدۇم؛ مۇشۇ ئىشنىمۇ شامال قوغلىغاندەك ئىش دەپ بىلىپ يەتتىم.