1خۇددى ئۆلۈك چىۋىنلەر ئەتتارنىڭ ئەتىرىنى سېسىتىۋېتىدىغاندەك، ئازراققىنە ئەخمەقلىق تارازىدا دانالىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەتتىنمۇ ئېغىر توختايدۇ.
2دانالىقنىڭ كۆڭلى ئوڭغا مايىل، ئەخمەقنىڭكى سولغا. ◼ 10:2 +bd «دانالىقنىڭ كۆڭلى ئوڭغا مايىل»+bd* ــ قورالنى تۇتۇپ، ئۆزىنى قوغداش تەرىپىدۇر.*
3ئەخمەق كىشى ھەتتا يولدا مېڭىۋاتقاندىمۇ، ئۇنىڭ ئەقلى كەم بولغاچقا، ئۇ ئەخمەق ئىكەنلىكىنى ھەممىگە ئايان قىلىدۇ.
4ھۆكۈمدارنىڭ ساڭا ئاچچىقى كەلسە، ئورنۇڭدىن ئىستېپا بەرمە؛ چۈنكى تىنچ-سەۋرىچانلىق خاتا-سەۋەنلىكتىن بولغان زور خاپىلىقنى تىنچىتىدۇ.
5قۇياش ئاستىدا يامان بىر ئىشنى كۆردۇمكى، ئۇ ھۆكۈمداردىن چىققان بىر خاتا ئىشتۇر ــ
6ئەخمەقلەر يۇقىرى مەنسەپتە، شۇنىڭ بىلەن تەڭ بايلار پەس ئورۇندا ئولتۇرىدۇ؛ ◼ 10:6 +bd «ئەخمەقلەر»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەخمەقلىق» دەپ ئېلىنغان.*
7مەن قۇللارنىڭ ئاتقا مىنگەنلىكىنى، ئەمىرلەرنىڭ قۇللاردەك پىيادە ماڭغانلىقىنى كۆردۇم. ◼ 10:7 +bd «مەن قۇللارنىڭ ئاتقا مىنگەنلىكىنى... كۆردۇم»+bd* ــ پەلەستىندە كونا زامانلاردا ئاتقا مىنىش پەقەت ئابرويلۇق كىشىلەرگىلا مەنسۇپ ئىدى.*
8ئورىنى كولىغان كىشى ئۇنىڭغا يىقىلىشى مۇمكىن؛ تامنى بۇزغان كىشىنى يىلان چېقىشى مۇمكىن؛ ◼ 10:8 +bd «تامنى بۇزغان كىشى...»+bd* ــ ياكى «چىتنى بۇزغان كىشى...».* ◘ 10:8 پەند. 26:27*
9تاشلارنى يۆتكىگەن كىشى تاش تەرىپىدىن يارىلىنىشى مۇمكىن؛ ئوتۇن يارىدىغان كىشى خەۋپكە ئۇچرايدۇ.
10پالتا گال بولسا، بىرسى تىغىنى بىلىمىسە، پالتىنى كۈچەپ چېپىشقا توغرا كېلىدۇ؛ بىراق دانالىق ئادەمنى ئۇتۇق-مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.
11يىلان ئوينىتىلماي تۇرۇپ، يىلانچىنى چاقسا، يىلانچىغا نېمە پايدا؟ ◼ 10:11 +bd «يىلانچى»+bd* ــ نەي چېلىپ يىلاننى ئويناتقۇچى ئادەم. +bd «يىلانچىنى چاقسا،..»+bd* ــ ياكى «خەقنى چاقسا...».*
12دانا كىشىنىڭ سۆزلىرى شەپقەتلىكتۇر؛ بىراق ئەخمەقنىڭ لەۋلىرى ئۆزىنى يۇتىدۇ.
13سۆزلىرىنىڭ بېشى ئەخمەقلىق، ئايىغى رەزىل تەلۋىلىكتۇر؛
14ئەمما ئەخمەق يەنىلا گەپنى كۆپەيتىدۇ. بىراق ھېچكىم كەلگۈسىنى بىلمەيدۇ؛ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى كىم ئۇنىڭغا ئېيتالىسۇن؟
15ئەخمەقلەر جاپاسى بىلەن ئۆزلىرىنى ئۇپرىتىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ھەتتا شەھەرگە بارىدىغان يولنىمۇ بىلمەيدۇ.
16ئى زېمىن، پادىشاھىڭ بالا بولسا، ئەمىرلىرىڭ سەھەردە زىياپەت ئۆتكۈزسە، ھالىڭغا ۋاي! ◘ 10:16 يەش. 3:3، 4؛ ھوش. 13:11؛ ئام. 6:4*
17ئى زېمىن، پادىشاھىڭ مۆتىۋەرنىڭ ئوغلى بولسا ۋە ئەمىرلىرىڭ كەيپ ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن مۇۋاپىق ۋاقتىدا زىياپەت ئۆتكۈزسە، بۇ سېنىڭ بەختىڭ! ◼ 10:17 +bd «...ئۆزىنى قۇۋەتلەش ئۈچۈن مۇۋاپىق ۋاقتىدا زىياپەت ئۆتكۈزسە،...»+bd* ــ ياكى، «...ئۆزىنى تۇتۇپ مۇۋاپىق ۋاقتىدا زىياپەت ئۆتكۈزسە،...». +bd «... ۋە ئەمىرلىرىڭ كەيپ ئۈچۈن ئەمەس... زىياپەت ئۆتكۈزسە، بۇ سېنىڭ بەختىڭ!»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... ۋە ئەمىرلىرىڭ مەست بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سالماقلىق بىلەن ئۆز ۋاقتىدا زىياپەت ئۆتكۈزسە، بۇ سېنىڭ بەختىڭ!».*
18ھۇرۇنلۇقتىن ئۆينىڭ تورۇسى غۇلاي دەپ قالىدۇ؛ قوللارنىڭ بوشلۇقىدىن ئۆيدىن يامغۇر ئۆتىدۇ.
19زىياپەت كۈلكە ئۈچۈن تەييارلىنار، شاراب ھاياتنى خۇش قىلار؛ لېكىن پۇل ھەممە ئىشنى ھەل قىلار!