ھېكمەت توپلىغۇچى 11:1-9 UIGB2010 - Bible AI

1نانلىرىڭنى سۇلارغا ئەۋەت؛ كۆپ كۈنلەردىن كېيىن ئۇنى قايتىدىن تاپىسەن. ◼ 11:1 +bd «نانلىرىڭنى سۇلارغا ئەۋەت... ئۇنى قايتىدىن تاپىسەن»+bd* ــ بۇ ئايەت بەلكىم دېڭىز سودىسىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ تەۋەككۈلچىلىڭ قانچە چوڭ بولسا، پايدىسىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ؛ گەپنىڭ يەنە ھەرخىل كۆچمە مەنىلىرى بولۇشى مۇمكىن. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «نېنىڭنى سۇلار (دېڭىزلار) ئۈستىگە تاشلا».*

2بىر ئۈلۈشنى يەتتە كىشىگە، سەككىزىگىمۇ بەرگىن؛ چۈنكى يەر يۈزىدە نېمە يامانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن. ◼ 11:2 +bd «بىر ئۈلۈشنى يەتتە كىشىگە، سەككىزىگىمۇ بەرگىن؛ چۈنكى يەر يۈزىدە نېمە يامانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن»+bd* ــ بەزى ئالىملار، بۇ ئايەتمۇ سودا-تىجارەتنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بىرنەچچە كۆچمە مەنىلىرىمۇ بولسا كېرەك.* ◘ 11:2 2كور. 9‏:10*

3بۇلۇتلار يامغۇرغا تولغان بولسا، ئۆزلىرىنى زېمىن ئۈستىگە بوشىتىدۇ؛ دەرەخ شىمال تەرەپكە ئۆرۈلسە، ياكى جەنۇب تەرەپكە ئۆرۈلسە، قايسى تەرەپكە چۈشكەن بولسا، شۇ يەردە قالىدۇ.

4شامالنى كۆزىتىدىغانلار تېرىقچىلىق قىلمايدۇ؛ بۇلۇتلارغا قارايدىغانلار ئورما ئورمايدۇ.

5سەن شامالنىڭ يولىنى بىلمىگىنىڭدەك ياكى بويىدا بارنىڭ ھامىلىسىنىڭ ئۇستىخانلىرىنىڭ بالىياتقۇدا قانداق ئۆسىدىغانلىقىنى بىلمىگىنىڭدەك، سەن ھەممىنى ياسىغۇچى خۇدانىڭ قىلغىنىنى بىلمەيسەن. ◼ 11:5 +bd «شامالنىڭ يولى...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شامال» ۋە «روھ» بىر سۆز بولۇپ، سۇلايمان مۇشۇ ئايەتتە ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدا ئاپىرىدە بولىدىغانلىقى، ئۆسىدىغانلىقىنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق بولىدىغانلىقىنى پۇرىتىپ كۆرسىتىدۇ (ئىنجىل، «يۇھ.» 1:3-8نىمۇ كۆرۈڭ).* ◘ 11:5 يـۇھ. 3‏:8*

6سەھەردە ئۇرۇقۇڭنى تېرىغىن، كەچتىمۇ قولۇڭنى ئىشتىن قالدۇرما؛ چۈنكى نېمە ئىشنىڭ، ئۇ ياكى بۇ ئىشنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ۋە ياكى ھەر ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلا ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن.

7نۇر شېرىن بولىدۇ، ئاپتاپنى كۆرۈشمۇ ھۇزۇرلۇق ئىشتۇر.

8شۇڭا بىرسى كۆپ يىل ياشىغان بولسا، بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ھۇزۇر ئالسۇن. ھالبۇكى، ئۇ يەنە قاراڭغۇلۇق كۈنلىرىنى ئېسىدە تۇتسۇن، چۈنكى ئۇلار كۆپ بولىدۇ؛ كەلگۈسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىمەنىلىكتۇر!

9ياشلىقىڭدىن ھۇزۇر ئال، ئى يىگىت؛ ياشلىقىڭ كۈنلىرىدە كۆڭلۈڭ ئۆزۈڭگە خۇشاللىقنى يەتكۈزگەي؛ كۆڭلۈڭ خالىغىنى بويىچە ۋە كۆزلىرىڭ كۆرگىنى بويىچە يۈرگىن؛ بىراق شۇنى بىلگىنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن خۇدا سېنى سوراققا تارتىدۇ.

rticle>