ھېكمەت توپلىغۇچى 12:1-14 UIGB2010 - Bible AI

1ئەمدى يامان كۈنلەر بېشىڭغا چۈشمىگۈچە، شۇنداقلا سەن: «بۇلاردىن ھېچ ھۇزۇرۇم يوقتۇر» دېگەن يىللار يېقىنلاشمىغۇچە ياشلىقىڭدا ياراتقۇچىڭنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت؛ ◼ 12:1 +bd «ياراتقۇچىڭ»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ياراتقۇچىڭلار».*

2قۇياش، يورۇقلۇق، ئاي ۋە يۇلتۇزلار قاراڭغۇلىشىپ، يامغۇردىن كېيىن بۇلۇتلار قايتىپ كەلمىگۈچە ئۇنى ئېسىڭدە تۇتقىن. ◼ 12:2 +bd «يامغۇردىن كېيىن بۇلۇتلار قايتىپ كەلمىگۈچە»+bd* ــ ياكى «يامغۇردىن كېيىن بۇلۇتلار يوقىمىغۇچە».*

3شۇ كۈنى «ئۆينىڭ كۆزەتچىلىرى» تىترەپ كېتىدۇ؛ پالۋانلار ئېگىلىدۇ، ئەزگۈچىلەر ئازلىقىدىن توختاپ قالىدۇ، دېرىزىلەردىن سىرتقا قاراپ تۇرغۇچىلار غۇۋالىشىپ كېتىدۇ؛ ◼ 12:3 +bd «ئۆينىڭ كۆزەتچىلىرى»+bd* ــ ئادەمنىڭ قاپاقلىرىنى، «پالۋانلار» ــ ئادەمنىڭ مۆرىلىرىنى، «ئەزگۈچىلەر» ــ چىشلارنى، «دېرىزىلەردىن قارىغۇچىلار» ــ كۆزلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. كېيىنكى ئايەتلەردىكى بىر قاتار ئوخشىتىشلارمۇ قېرىلىقنى كۆرسىتىدۇ.*

4كوچىغا قارايدىغان ئىشىكلەر ئېتىلىدۇ؛ تۈگمەننىڭ ئاۋازى پەسىيدۇ، كىشىلەر قۇشلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسىلا چۆچۈپ كېتىدۇ، «ناخشىچى قىزلار»نىڭ سايراشلىرى سۇس ئاڭلىنىدۇ؛ ◼ 12:4 +bd «ناخشىچى قىزلار»+bd* ــ قۇشلارنى كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى بار.*

5كىشىلەر ئېگىزدىن قورقىدۇ، كوچىلاردا ۋەھىمىلەر بار دەپ قورقۇپ يۈرىدۇ؛ بادام دەرىخى چىچەكلەيدۇ؛ چېكەتكە ئادەمگە يۈك بولىدۇ، شىندىر مېۋىسى سولىشىدۇ؛ چۈنكى ئىنسان مەڭگۈلۈك ماكانىغا كېتىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ، ماتەم تۇتقۇچىلار كوچىدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ؛ ◼ 12:5 +bd «چېكەتكە ئادەمگە يۈك بولىدۇ»+bd* ــ ياكى «چېكەتكە ئۆزىنى سۆرەپ ماڭىدۇ». +bd «شىندىر مېۋىسى»+bd* ــ مۇھەببەتنى قوزغايدىغان مېۋە ئىدى. ئۇنىڭ «سولىشىپ كەتكەنلىكى» بەلكىم جىنىسىي مۇھەببەتنىڭ سۇسلاشقانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.*

6كۈمۈش تانا ئۈزۈلگۈچە، ئالتۇن چىنە چېقىلغۇچە، ئاپتۇۋا بۇلاق يېنىدا پارە-پارە بولغۇچە، قۇدۇقتىكى چاق كاردىن چىققۇچە، ◼ 12:6 +bd «قۇدۇقتىكى چاق»+bd* ــ قۇدۇقتىن سۇ چىقىرىدىغان چاقنى كۆرسەتسە كېرەك.

7توپا-چاڭ ئەسلى تۇپراققا قايتقۇچە، روھ ئۆزىنى بەرگەن خۇداغا قايتقۇچە ــ ئۇنى ئېسىڭدە تۇتقىن! ◘ 12:7 يار. 2‏:7؛ 3‏:19؛ چۆل. 16‏:22*

8بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك!» ــ دەيدۇ ھېكمەت توپلىغۇچى ــ «بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك! ھەممە ئىش بىمەنىلىكتۇر!» ◘ 12:8 زەب. 62‏:9؛ 144‏:4؛ توپ. 1‏:2*

9شۇنىڭدەك، ھېكمەت توپلىغۇچى دانا بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە خەلققە بىلىم ئۆگىتەتتى؛ ئۇ ئويلىنىپ، كۆپ پەند-نەسىھەتلەرنى تارازىغا سېلىپ، رەتلەپ چىقتى. ◘ 12:9 1پاد. 5‏:26*

10ھېكمەت توپلىغۇچى يېقىملىق سۆزلەرنى تېپىشقا ئىنتىلگەن؛ ئۇشبۇ يېزىلغىنى بولسا دۇرۇس، ھەقىقەت سۆزلىرىدىن ئىبارەتتۇر.

11دانا كىشىنىڭ سۆزلىرى زىخقا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ يىغىندىسى چىڭ بېكىتىلگەن مىختەكتۇر. ئۇلار بىرلا پادىچى تەرىپىدىن بېرىلگەندۇر.

12ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئى ئوغلۇم، بۇلاردىن سىرت ھەرقانداق يېزىلغانلاردىن پەخەس بول؛ چۈنكى كۆپ كىتابلارنىڭ يېزىلىشىنىڭ ئايىغى يوق، شۇنىڭدەك كۆپ ئۆگىنىش تەننى ئۇپرىتىدۇ. ◼ 12:12 +bd «...ئى ئوغلۇم، بۇلاردىن سىرت ھەرقانداق يېزىلغانلاردىن پەخەس بول»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... ئى ئوغلۇم، بۇلاردىن ئاگاھ-ساۋاق ئالغىن». بىراق بىزنىڭچە بۇ ئايەتتە سۇلايمان «بىرلا پادىچى (دېمەك، خۇدادىن) تەرىپىدىن بېرىلگەن» بارلىق مۇقەددەس يازمىلارنى كۆرسىتىدۇ.*

13بىز پۈتۈن ئىشقا دىققەت قىلايلى؛ خۇدادىن قورققىن ۋە ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلغىن؛ چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ تولۇق مەجبۇرىيىتىدۇر؛ ◼ 12:13 +bd «بىز پۈتۈن ئىشقا دىققەت قىلايلى»+bd* ــ ياكى «بىز پۈتۈن ئىشنى ئاڭلىدۇق». +bd «بۇ ئىنساننىڭ تولۇق مەجبۇرىيىتىدۇر»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «بۇ ئىنساننىڭ بارلىقىدۇر» دېيىلىدۇ. بۇنىڭ تولۇق مەنىسى بەلكىم: «خۇدادىن قورقۇپ، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىل» ــ بۇ خۇدانىڭ ئىنساندا بولغان مەقسىتىدۇر، دېگەندەك بولۇشى مۇمكىن.* ◘ 12:13 قان. 6‏:2؛ 10‏:12؛ پەند. 3‏:7*

14چۈنكى ئادەم قىلغان ھەربىر ئىش، جۈملىدىن بارلىق مەخپىي ئىشلار، ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، خۇدا ئۇلارنىڭ سورىقىنى قىلىدۇ. ◘ 12:14 1كور. 4‏:5؛ 2كور. 5‏:10*

article>