1ئاندىن مەن قايتىدىن زېھنىمنى يىغىپ قۇياش ئاستىدا دائىم بولۇۋاتقان بارلىق زورلۇق-زۇمبۇلۇقنى كۆردۈم؛ مانا، ئېزىلگەنلەرنىڭ كۆز ياشلىرى! ئۇلارغا ھېچ تەسەللى بەرگۈچى يوق ئىدى؛ ئۇلارنى ئەزگەنلەرنىڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكى بار ئىدى، بىراق ئېزىلگەنلەرگە ھېچ تەسەللى بەرگۈچى يوق ئىدى. ◼ 4:1 +bd «ئۇلارنى ئەزگەنلەرنىڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكى بار ئىدى»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلارنى ئەزگۈچىلەر تەرەپتە كۈچ بار ئىدى».*
2شۇڭا مەن ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن ئۆلگۈچىلەرنى تېخى ھايات بولغان تىرىكلەردىن ئۈستۈن دەپ تەرىپلىدىم؛
3شۇنداقلا بۇ ئىككى خىل كىشىلەردىن بەختلىكى تېخى ئاپىرىدە بولمىغان كىشىدۇر؛ چۈنكى ئۇ قۇياش ئاستىدا قىلىنغان يامانلىقلارنى ھېچ كۆرۈپ باقمىغان.
4ئاندىن مەن بارلىق ئەجىر ۋە بارلىق خىزمەتنىڭ ئۇتۇقلىرىدىن شۇنى كۆرۈپ يەتتىمكى، ئۇ ئىنساننىڭ يېقىنىنى كۆرەلمەسلىكىدىن بولىدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتۇر.
5ئەخمەق قول قوشتۇرۇپ، ئۆز گۆشىنى يەيدۇ. ◘ 4:5 پەند. 6:10؛ 24:33*
6جاپا چېكىپ شامالنى قوغلاپ ئوچۇمىنى توشقۇزىمەن دېگەندىن، چاڭگىلىنى توشقۇزۇپ خاتىرجەملىكتە بولۇش ئەلادۇر. ◼ 4:6 +bd «جاپا چېكىپ شامالنى قوغلاپ ئوچۇمىنى توشقۇزىمەن دېگەندىن، چاڭگىلىنى توشقۇزۇپ خاتىرجەملىكتە بولۇش ئەلادۇر»+bd* ــ 4-ئايەتتە مەنپەئەت-ئابرۇي ئىزدەشنىڭ بىمەنىلىكى كۆرسىتىلىدۇ؛ 5-ئايەتتە «ھېچنېمە قىلمايمەن، پايدىسى يوق» دېگەن ھۇرۇنلۇق پوزىتسىيىنى ئەيىبلەيدۇ: 6-ئايەتتە بۇ ئىككى يولنىڭ ئوتتۇرىدىكى دۇرۇس يولنى كۆرسىتىلىدۇ.*
7مەن يەنە زېھنىمنى يىغىپ، قۇياش ئاستىدىكى بىر بىمەنىلىكنى كۆردۇم؛
8بىرسى يالغۇز، تىكەندەك بولسىمۇ، شۇنداقلا نە ئوغلى نە ئاكا-ئۇكىسى بولمىسىمۇ ــ بىراق ئۇنىڭ جاپاسىنىڭ ئاخىرى بولمايدۇ، ئۇنىڭ كۆزى بايلىقلارغا تويمايدۇ. ئۇ: «مەن بۇنداق جاپالىق ئىشلەپ، جېنىمدىن زادى كىمگە ياخشىلىق قالدۇرىمەن؟» ــ دېگەننى سورىمايدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە ئېغىر جاپادىن ئىبارەتتۇر. ◼ 4:8 +bd «كبىرسى يالغۇز، تىكەندەك بولسىمۇ،..»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بىرسى يالغۇز، ئىككىنچىسى (ئىككىنچى ئادەم) يوق بولغان ھالدا بولسىمۇ،...». +bd «ئۇ: «مەن بۇنداق جاپالىق ئىشلەپ، جېنىمدىن زادى كىمگە ياخشىلىق قالدۇرىمەن؟» ــ دېگەننى سورىمايدۇ»+bd* ــ بەزى باشقا تەرجىمىلەردە: «ئۇ: «مەن زادى كىم ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەپ، ئۆز جېنىمدىن ياخشىلىقنى قالدۇرىمەن؟» ــ دەپ ئۆكۈنىدۇ» دەپ ئوقۇلىدۇ.*
9ئىككى بىردىن ياخشىدۇر؛ چۈنكى ئىككى بولسا ئەمگىكىدىن ياخشى ئىنئام ئالىدۇ.
10يىقىلىپ كەتسە، بىرسى ھەمراھىنى يۆلەپ كۆتۈرىدۇ؛ بىراق يالغۇز ھالەتتە يىقىلىپ كەتسە، يۆلىگۈدەك باشقا بىرسى يوق بولسا، بۇ كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي!
11يەنە، ئىككىسى بىللە ياتسا، بىر-بىرىنى ئىللىتىدۇ؛ لېكىن بىرسى يالغۇز ياتسا قانداق ئىللىتىلسۇن؟
12يەنە، بىراۋ يالغۇز بىر ئادەمنى يېڭىۋالغان بولسا، ئىككىسى ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالايدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۈچ قات ئارغامچا ئاسان ئۈزۈلمەس.
13كەمبەغەل ئەمما ئاقىل يىگىت يەنە نەسىھەتنىڭ ئەتىۋارىنى قىلمايدىغان قېرى ئەخمەق پادىشاھتىن ياخشىدۇر؛
14چۈنكى گەرچە ئۇ بۇ پادىشاھنىڭ پادىشاھلىقىدا كەمبەغەل بولۇپ تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئۇ زىنداندىن تەختكە ئولتۇرۇشقا چىقتى. ◼ 4:14 +bd «گەرچە ئۇ بۇ پادىشاھنىڭ پادىشاھلىقىدا كەمبەغەل بولۇپ تۇغۇلغان بولسىمۇ،...»+bd* ــ بۇ ئايەتنىڭ قايسى گەۋدىلىك ئەھۋالنى كۆرسەتكەنلىكى ھازىر بىزگە ئېنىق ئەمەس.*
15مەن قۇياش ئاستىدىكى بارلىق تىرىكلەرنىڭ ئاشۇ ئىككىنچىنى، يەنى پادىشاھنىڭ* ئورنىنى باسقۇچىنى، شۇ يىگىتنى قوللايدىغانلىقىنى كۆردۇم.