ھېكمەت توپلىغۇچى 5:1-19 UIGB2010 - Bible AI

1خۇدانىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئاۋايلاپ يۈرگىن؛ ئەخمەقلەرچە قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاڭلاپ بويسۇنۇش ئۈچۈن يېقىنلاشقىن؛ چۈنكى ئەخمەقلەر رەزىللىك قىلىۋاتقىنى بىلمەيدۇ. ◼ 5:1 +bd «...ئەخمەقلەرچە قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاڭلاپ بويسۇنۇش ئۈچۈن يېقىنلاشقىن»+bd* ــ بۇ نەسىھەتنىڭ مەنىسى قۇربانلىقلار ياخشى ئەمەس، دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە؛ پەقەت قۇربانلىقنى ئەخمەقلەرچە، بىمەنە سۇنماسلىق كېرەك، دېگەنلىكتۇر.*

2ئاغزىڭنى يېنىكلىك بىلەن ئاچما؛ كۆڭلۈڭ خۇدا ئالدىدا بىرنېمىنى ئېيتىشقا ئالدىرمىسۇن؛ چۈنكى خۇدا ئەرشلەردە، سەن يەر يۈزىدىدۇرسەن؛ شۇڭا سۆزلىرىڭ ئاز بولسۇن.

3چۈنكى ئىش كۆپ بولسا چۈشمۇ كۆپ بولغاندەك، گەپ كۆپ بولسا، ئەخمەقنىڭ گېپى بولۇپ قالىدۇ. ◼ 5:3 +bd «... گەپ كۆپ بولسا، ئەخمەقنىڭ گېپى بولۇپ قالىدۇ»+bd* ــ بۇ سۆزلەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى بەلكىم ئەخمەقلەرنىڭ بىھۇدە قەسەم ئىچىدىغانلىقى بولۇشى مۇمكىن.*

4خۇداغا قەسەم ئىچسەڭ، ئۇنى ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرمە؛ چۈنكى ئۇ ئەخمەقلەردىن ھۇزۇر ئالمايدۇ؛ شۇڭا قەسىمىڭنى ئادا قىلغىن. ◘ 5:4 چۆل. 30‏:3؛ قان. 23‏:20*

5قەسەم ئىچىپ ئادا قىلمىغاندىن كۆرە، قەسەم ئىچمەسلىكىڭ تۈزۈكتۇر. ◘ 5:5 قان. 23‏:20، 21*

6ئاغزىڭ تېنىڭنى گۇناھنىڭ ئىختىيارىغا قويۇۋەتمىسۇن؛ پەرىشتە ئالدىدا: «خاتا سۆزلەپ سالدىم» دېمە؛ نېمىشقا خۇدا گېپىڭدىن غەزەپلىنىپ قوللىرىڭ ياسىغاننى ھالاك قىلىدۇ؟ ◼ 5:6 +bd «پەرىشتە ئالدىدا»+bd* ــ قايسى پەرىشتە؟ «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» بولۇشى كېرەك. ئىبرانىي تىلىدا «ئەلچى» ۋە «پەرىشتە» دېگەنلەر بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. كاھىن ھەم پەرىشتە خۇدانىڭ «ئەلچى»سىدۇر («مال.» 7:2نى كۆرۈڭ).*

7چۈنكى چۈش كۆپ بولسا بىمەنىلىكمۇ كۆپ بولىدۇ؛ گەپ كۆپ بولسىمۇ ئوخشاشتۇر؛ شۇڭا، خۇدادىن قورققىن! ◘ 5:7 پەند. 10‏:19*

8سەن نامراتلارنىڭ ئېزىلگەنلىكىنى ياكى يەرلىك مەنسەپدارلارنىڭ ھەق-ئادالەتنى زوراۋانلارچە قايرىپ قويغانلىقىنى كۆرسەڭ، بۇ ئىشلاردىن ھەيران قالما؛ چۈنكى مەنسەپداردىن يۇقىرى يەنە بىرسى كۆزلىمەكتە؛ ۋە ئۇلاردىنمۇ يۇقىرىسىمۇ باردۇر. ◼ 5:8 +bd «سەن نامراتلارنىڭ ئېزىلگەنلىكىنى ... كۆرسەڭ، بۇ ئىشلاردىن ھەيران قالما؛»+bd* ــ سۇلايمان پادىشاھ ئۆزى ئادىل پادىشاھ بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭ تۆۋەندىكى قاتلاممۇ-قاتلام يەرلىك مەنسەپدارلارنىڭ چىرىكلىشىشىنى تىزگىنلىيەلىشى چەكلىكتۇر.*

9بىراق نېمىلا بولمىسۇن يەر-تۇپراق ھەممە ئادەمگە پايدىلىقتۇر؛ ھەتتا پادىشاھنىڭ ئۆزىمۇ يەر-تۇپراققا تايىنىدۇ. ◼ 5:9 +bd «بىراق نېمىلا بولمىسۇن يەر-تۇپراق ھەممە ئادەمگە پايدىلىقتۇر؛ ھەتتا پادىشاھنىڭ ئۆزىمۇ يەر-تۇپراققا تايىنىدۇ»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ ئايەتنى چۈشىنىش تەس. بىزنىڭچە سۇلايمان ئادەمنىڭ دىققىتىنى ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىشىپ كەتكەنلىكىگە ئەمەس، بەلكى ئەڭ مۇھىمىغا، يەنى خۇدانىڭ ياخشىلىقى (تۇپراقتىكى زىرائەتلەر ئارقىلىق بولغان ياخشىلىقى)غا قاراتماقچى. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بىراق ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆزى تېرىقچىلىق قىلىدىغان پادىشاھ زېمىنغا پايدىلىقتۇر». بۇ تەرجىمىنىڭ مەنىسى: «زېمىننى باشقۇرىدىغان بىرسى بولسا (بولۇپمۇ پادىشاھ ئۆزى تېرىقچىلىقنى چۈشەنسە)، بۇ بەرىبىر ھۆكۈمەتسىزلىكتىن، قالايمىقانچىلىقتىن، ھاكىمىيەتسىزلىكتىن ياخشى» دېگەندەك. ئوقۇرمەنلەر باشقا تەرجىمىلەرنىمۇ ئۇچرىتىشى مۇمكىن.*

10كۈمۈشكە ئامراق كۈمۈشكە قانماس، بايلىقلارغا ئامراق ئۆز كىرىمىگە قانماس؛ بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر.

11مال-مۈلۈك كۆپەيسە، ئۇلارنى يېگۈچىلەرمۇ كۆپىيىدۇ؛ مال ئىگىسىگە ئۇلارنى كۆزلەپ، ئۇلاردىن ھۇزۇر ئېلىشتىن باشقا نېمە پايدىسى بولسۇن؟

12ئاز يېسۇن، كۆپ يېسۇن، ئەمگەكچىنىڭ ئۇيقۇسى تاتلىقتۇر؛ بىراق باينىڭ توقلۇقى ئۇنى ئۇخلاتماس. ◼ 5:12 +bd «باينىڭ توقلۇقى»+bd* ــ «باينىڭ توقلۇقى» بەلكىم ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ: (1) ئۇنىڭ بايلىقىدىن ئەنسىرەشلىرى؛ (2) زىيادە كۆپ تاماق يەپ، ھەزىم بولماسلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.*

13مەن قۇياش ئاستىدا زور بىر كۈلپەتنى كۆردۈم ــ ئۇ بولسىمۇ، ئىگىسى ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بايلىقلارنى توپلاشتۇر؛

14شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ بايلىقلىرى بالايىئاپەت تۈپەيلىدىن يوقىلىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنداق ئادەمنىڭ بىر ئوغلى بولسا، ئوغلىنىڭ* قولىغا قالدۇرغۇدەك ھېچنېمىسى يوق بولىدۇ.

15ئۇ ئاپىسىنىڭ قورسىقىدىن يالىڭاچ چىقىپ، كەتكەندىمۇ يالىڭاچ پېتى كېتىدۇ؛ ئۇ ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىدىن قولىغا ئالغۇدەك ھېچنېمىنى ئېپكەتەلمەيدۇ. ◘ 5:15 زەب. 49‏:17-20*

16مانا بۇمۇ ئېغىر ئەلەملىك ئىش؛ چۈنكى ئۇ قانداق كەلگەن بولسا، يەنە شۇنداق كېتىدۇ؛ ئەمدى ئۇنىڭ شامالغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمگەك قىلغىنىنىڭ نېمە پايدىسى؟

17ئۇنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە يەپ-ئىچكىنى قاراڭغۇلۇقتا بولۇپ، غەشلىكى، كېسەللىكى ۋە خاپىلىقى كۆپ بولىدۇ.

18مانا نېمىنىڭ ياراملىق ۋە گۈزەل ئىكەنلىكىنى كۆردۇم ــ ئۇ بولسىمۇ، ئىنساننىڭ خۇدا ئۇنىڭغا تەقدىم قىلغان ئۆمرىنىڭ ھەربىر كۈنلىرىدە يېيىش، ئىچىش ۋە قۇياش ئاستىدىكى بارلىق مېھنىتىدىن ھۇزۇر ئېلىشتۇر؛ چۈنكى بۇ ئۇنىڭ نېسىۋىسىدۇر. ◘ 5:18 توپ. 2‏:10، 24؛ 3‏:12، 22؛ 9‏:7؛ 11‏:9*

19خۇدا ھەربىرسىنى بايلىقلارغا، مال-دۇنياغا ئىگە بولۇشقا، شۇنىڭدەك ئۇلاردىن يېيىشكە، ئۆز رىزقىنى قوبۇل قىلىشقا، ئۆز ئەمگىكىدىن ھۇزۇر ئېلىشقا مۇيەسسەر قىلغان بولسا ــ مانا بۇلار خۇدانىڭ سوۋغىتىدۇر.

rticle>