1قۇياش ئاستىدا بىر يامان ئىشنى كۆردۇم؛ ئۇ ئىش ئادەملەر ئارىسىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ ــ
2خۇدا بىرسىگە بايلىقلار، مال-دۇنيا ۋە ئىززەت-ھۆرمەت تەقسىم قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆز كۆڭلى خالىغىنىدىن ھېچنەرسىسى كەم بولمىدى؛ بىراق خۇدا ئۇنىڭغا بۇلاردىن ھۇزۇر ئېلىشقا مۇيەسسەر قىلمىدى، بەلكى يات بىر ئادەم ئۇلاردىن ھۇزۇر ئالىدۇ؛ مانا بۇ بىمەنىلىك ۋە ئېغىر ئازابتۇر.
3بىرسى يۈز بالا كۆرۈپ كۆپ يىل ياشىشى مۇمكىن؛ بىراق ئۇنىڭ يىل-كۈنلىرى شۇنچىلىك كۆپ بولسىمۇ، ئۇنىڭ جېنى بەختنى كۆرمىسە، ھەتتا گۆرنى كۆرمىگەن بولسىمۇ، تۇغۇلۇپ چاچراپ كەتكەن بوۋاق ئۇنىڭدىن ئەۋزەلدۇر دەيمەن. ◼ 6:3 +bd «ھەتتا گۆرنى كۆرمىگەن بولسىمۇ،...»+bd* ــ دېمەك، ئۇ ئۆلمەيدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ۋە ياكى دەپنە قىلىنمىغان بولسا،...».*
4چۈنكى چاچرىغان بالا بىمەنىلىك بىلەن كېلىدۇ، قاراڭغۇلۇقتا كېتىدۇ، قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ ئىسمىنى قاپلايدۇ؛
5ئۇ كۈننىمۇ كۆرمىگەن، بىلمىگەن؛ بىراق ھېچ بولمىغاندا ئۇ بىرىنچىسىگە نىسبەتەن ئارام تاپقاندۇر. ◘ 6:5 ئايۇپ 3:16؛ زەب. 58:7-8*
6بەرھەق، ھېلىقى كىشى ھەتتا ئىككى ھەسسە مىڭ يىل ياشىغان بولسىمۇ، بىراق بەختنى كۆرمىسە، ئەھۋالى ئوخشاشتۇر ــ ھەربىر كىشى ئوخشاش بىر جايغا بارىدۇ ئەمەسمۇ؟
7ئادەمنىڭ تارتقان بارلىق جاپاسى ئۆز ئاغزى ئۈچۈندۇر؛ بىراق ئۇنىڭ ئىشتىھاسى ھەرگىز قانمايدۇ.
8شۇنداقتا دانا كىشىنىڭ ئەخمەقتىن نېمە ئارتۇقچىلىقى بولسۇن؟ نامرات كىشى باشقىلار ئالدىدا قانداق مېڭىشنى بىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟
9كۆزنىڭ كۆرۈشى ئارزۇ-ھەۋەسنىڭ ئۇيان-بۇيان يۈرۈشىدىن ئەۋزەلدۇر. بۇنداق قىلىشمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتۇر.
10ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنىڭ بولسا ئاللىقاچان نامى بېكىتىلىپ ئاتالغان؛ ئىنساننىڭ نېمە ئىكەنلىكىمۇ ئايان بولغان؛ شۇڭا ئىنساننىڭ ئۆزىدىن قۇدرەتلىك بولغۇچى بىلەن قارشىلىشىشىغا بولمايدۇ. ◼ 6:10 +bd «ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنىڭ ... ئاللىقاچان نامى بېكىتىلىپ ئاتالغان»+bd* ــ مەنىسى ھەربىر ئىش ئالدىنئالا خۇدا تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بولسا كېرەك. +bd «ئىنساننىڭ نېمە ئىكەنلىكىمۇ ئايان بولغان»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئىنساننىڭ نېمە ئىكەنلىكىمۇ بىلىنگەن (دېمەك، خۇدا تەرىپىدىن)» (شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىش بىھۇدىلىكتۇر). بىراق ئايەتنى ئىنساننىڭ ئاجىز بەندە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ، دەپ قارايمىز.*
11چۈنكى گەپ قانچە كۆپ بولسا، بىمەنىلىك شۇنچە كۆپ بولىدۇ؛ بۇنىڭ ئىنسانغا نېمە پايدىسى؟ ◼ 6:11 +bd «چۈنكى گەپ قانچە كۆپ بولسا،..»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «گەپ» ئىنساننىڭ خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغان گەپلىرىنى كۆرسەتسە كېرەك. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى بىھۇدىلىكنى كۆپەيتىدىغان ئىشلار كۆپتۇر...»*