1ياخشى نام-ئابروي قىممەتلىك تۇتىيادىن ئەۋزەل؛ ئادەمنىڭ ئۆلۈش كۈنى تۇغۇلۇش كۈنىدىن ئەۋزەلدۇر. ◘ 7:1 پەند. 22:1*
2ماتەم تۇتۇش ئۆيىگە بېرىش زىياپەت-توي ئۆيىگە بېرىشتىن ئەۋزەل؛ چۈنكى ئاشۇ يەردە ئىنساننىڭ ئاقىۋىتى ئايان قىلىنىدۇ؛ تىرىك بولغانلار بۇنى كۆڭلىگە پۈكۈشى كېرەك. ◘ 7:2 يـۇھ. 11:31*
3غەشلىك كۈلكىدىن ئەۋزەلدۇر؛ چۈنكى چىراينىڭ پەرىشانلىقى بىلەن قەلب ياخشىلىنىدۇ.
4دانا كىشىنىڭ قەلبى ماتەم تۇتۇش ئۆيىدە، بىراق ئەخمەقنىڭ قەلبى تاماشىنىڭ ئۆيىدىدۇر.
5ئەخمەقلەرنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغاندىن كۆرە، دانا كىشىنىڭ تەنبىھىنى ئاڭلىغىن؛ ◘ 7:5 پەند. 13:18؛ 15:31، 32*
6چۈنكى ئەخمەقنىڭ كۈلكىسى قازان ئاستىدىكى يانتاقلارنىڭ پاراسلىشىدەك، خالاس؛ بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر. ◼ 7:6 +bd «قازان ئاستىدىكى يانتاقلارنىڭ پاراسلىشىدەك...»+bd* ــ يانتاقنىڭ كۆيگەن چاغدىكى ئاۋازى كۈچلۈك، بىراق تەپتى ئىنتايىن قىسقا.* ◘ 7:6 زەب. 58:9*
7جەبىر-زۇلۇم دانا ئادەمنى نادانغا ئايلاندۇرىدۇ،
8ئىشنىڭ ئايىغى بېشىدىن ئەۋزەل؛
9روھىڭدا خاپا بولۇشقا ئالدىرىما؛
10«نېمىشقا بۇرۇنقى كۈنلەر ھازىرقى كۈنلەردىن ئەۋزەل؟» ــ دېمە؛ چۈنكى سېنىڭ بۇنداق سورىغىنىڭ دانالىقتىن ئەمەس.
11دانالىق مىراسقا ئوخشاش ياخشى ئىش، قۇياش نۇرى كۆرگۈچىلەرگە پايدىلىقتۇر.
12چۈنكى دانالىق پۇل پاناھ بولغاندەك، پاناھ بولىدۇ؛ بىراق دانالىقنىڭ ئەۋزەللىكى شۇكى، ئۇ ئۆز ئىگىلىرىنى ھاياتقا ئېرىشتۈرىدۇ.
13خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى ئويلاپ كۆر؛ چۈنكى ئۇ ئەگرى قىلغاننى كىم تۈز قىلالىسۇن؟
14ئاۋات كۈنىدە ھۇزۇر ئال؛ ۋە يامان كۈنىدىمۇ شۇنى ئويلاپ كۆر: ــ خۇدا ئۇلارنىڭ بىرىنى، شۇنداقلا يەنە بىرىنىمۇ تەڭ ياراتقاندۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئىنسان ئۆزى كەتكەندىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى بىلىپ يېتەلمەيدۇ.
15مەن بۇنىڭ ھەممىسىنى بىمەنە كۈنلىرىمدە كۆرۈپ يەتتىم؛ ھەققانىي بىر ئادەمنىڭ ئۆز ھەققانىيلىقى بىلەن يوقىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، شۇنىڭدەك رەزىل بىر ئادەمنىڭ ئۆز رەزىللىكى بىلەن ئۆمرىنى ئۇزاراتقانلىقىنى كۆردۈم.
16ئۆزۈڭنى دەپ ھەددىدىن زىيادە ھەققانىي بولما؛ ۋە ئۆزۈڭنى دەپ ھەددىدىن زىيادە دانا بولما؛ سەن ئۆز-ئۆزۈڭنى ئالاقزادە قىلماقچىمۇسەن؟ ◼ 7:16 +bd «ئۆزۈڭنى دەپ ھەددىدىن زىيادە ھەققانىي بولما؛ ۋە ئۆزۈڭنى دەپ ھەددىدىن زىيادە دانا بولما؛...»+bd* ــ سۇلايماننىڭ مۇشۇ گېپىدىن ھېچكىم: «ھەققانىيلىقنىڭ «ئارتۇق»، «ھەددىدىن زىيادە» دەيدىغان دەرىجىسى بولىدۇ» دەپ ئويلىمىسا كېرەك. ھەققانىيلىق دېگەن ھەققانىيلىقتۇر. بۇ يەردە گەپ ھەجۋىيلىك، كنايىلىك بىلەن ئېيتىلغان. ھالقىلىق سۆز «ئۆزۈڭنى دەپ» ــ دېمەك، ھەققانىي بولماقچى بولغان بۇ كىشىنىڭ مەقسىتى خۇدانى تونۇش ئەمەس، پەقەت خۇدانىڭ بەرىكىتىگىلا ئېرىشىش دېگەندىن ئىبارەت، خالاس؛ 15-ئايەتتە دېيىلگەن ئەھۋالغا قارىغاندا، ھەققانىي ۋە دانا ئادەملەرمۇ پېشكەللىككە ئۇچرىشى مۇمكىن. ئۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇلمىسا، «نېمىشقا بۇ كۈلپەتلەر بېشىمغا چۈشتى» دەپ «ئالاقزادە بولۇپ كېتىشى» مۇمكىن.
17ئۆزۈڭنى دەپ ھەددىدىن زىيادە رەزىل بولما، ياكى ئەخمەق بولما؛ ئۆز ئەجىلىڭ توشماي تۇرۇپ ئۆلمەكچىمۇسەن؟ ◼ 7:17 +bd «ئۆزۈڭنى دەپ ھەددىدىن زىيادە رەزىل بولما، ياكى ئەخمەق بولما؛...»+bd* ــ ھېچكىم سۇلايماننىڭ بۇ گېپىنىڭ مەنىسىنى: «رەزىللىكنىڭ «نورمال» ياكى ««ئەقىلگە سىغىدۇ» دەيدىغان دەرىجىسى بار» دەپ ئويلىمىسا كېرەك. بۇ گەپ بەلكىم ئاللىقاچان رەزىللىشىپ كەتكەن ئادەملەرگە قارىتىپ كىنايىلىك بىلەن ئېيتىلغان بولۇشى مۇمكىن. 15-ئايەتتىكى: «رەزىللىك پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن، رەزىللىكىمنى كۆپەيتىمەن» دېگەنگە قارىتا، سۇلايمان بۇ ئاگاھنى قوشۇپ ئېيتىدۇ. رەزىل ئادەملەر بەرىبىر ئۆلىدۇ؛ بىراق رەزىل ئادەملەر بۇنداق كىنايىلىك گەپنى قوبۇل قىلسا، ھېچ بولمىغاندا شۇ يول بىلەن ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان جازا تېخىمۇ ئاۋۇپ كەتمەيدۇ.
18شۇڭا، بۇ ئاگاھنى* چىڭ تۇت، شۇنىڭدىن ئۇ ئاگاھنىمۇ* قولۇڭدىن بەرمىگىنىڭ ياخشى؛ چۈنكى خۇدادىن قورقىدىغان كىشى ھەر ئىككىسى بىلەن ئۇتۇقلۇق بولىدۇ. ◼ 7:18 +bd «... ھەر ئىككىسى بىلەن ئۇتۇقلۇق بولىدۇ»+bd* ــ دېمەك، خۇدادىن قورقىدىغان ئادەم سۇلايماننىڭ يۇقىرىقى 16-17-ئايەتتىكى ئىككى ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن ئازدۇرۇشتىن قۇتۇلىدۇ.
19دانالىق دانا كىشىنى بىر شەھەرنى باشقۇرىدىغان ئون ھۆكۈمراندىن زىيادە كۈچلۈك قىلىدۇ.
20بەرھەق، يەر يۈزىدە دائىم مېھرىبانلىق يۈرگۈزىدىغان، گۇناھ سادىر قىلمايدىغان ھەققانىي ئادەم يوقتۇر. ◘ 7:20 1پاد. 8:46، 47؛ 2تار. 6:36؛ پەند. 20:9؛ 1يۇھ. 1:8*
21يەنە، خەقلەرنىڭ ھەممىلا گەپ-سۆزلىرىگە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمە؛ بولمىسا، ئۆز خىزمەتكارىڭنىڭ ساڭا لەنەت ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىشىڭ مۇمكىن.
22چۈنكى كۆڭلۈڭدە، ئۆزۈڭنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش باشقىلارغا كۆپ قېتىم لەنەت قىلغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىسەن.
23بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دانالىق بىلەن سىناپ باقتىم؛ مەن: «دانا بولىمەن» دېسەممۇ، ئەمما ئۇ مەندىن يىراق ئىدى.
24بارلىق يۈز بەرگەن ئىشلار بولسا ئەقلىمىزدىن يىراق، شۇنىڭدەك ئىنتايىن سىرلىقتۇر؛ كىم ئۇنى ئىزدەپ بىلىپ يېتەلىسۇن؟ ◼ 7:24 +bd «ئىنتايىن سىرلىق»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «چوڭقۇر، چوڭقۇر» دەپ ئىپادىلىنىدۇ.*
25مەن چىن كۆڭلۈمدىن دانالىق ۋە ئەقلىي بىلىمنى بىلىشكە، سۈرۈشتۈرۈشكە ۋە ئىزدەشكە، شۇنداقلا رەزىللىكنىڭ ئەخمەقلىقىنى، ئەخمەقلىقنىڭ تەلۋىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىشكە زېھنىمنى يىغدىم. ◘ 7:25 توپ. 1:17؛ 2:12*
26شۇنىڭ بىلەن كۆڭلى تور ۋە قىلتاق، قوللىرى ئاسارەت بولغان ئايالنىڭ ئۆلۈمدىن ئاچچىق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم؛ خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان كىشى ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، بىراق گۇناھكار ئادەم ئۇنىڭغا تۇتۇلۇپ قالىدۇ. ◘ 7:26 پەند. 5:3؛ 6:24-35؛ 7:6-27؛ 22:14*
27بۇ بايقىغانلىرىمغا قارا، ــ دەيدۇ ھېكمەت توپلىغۇچى ــ پاكىتلارنى بىر-بىرىگە باغلاپ سېلىشتۇرۇپ، ئەقىل ئىزدىدىم؛
28مېنىڭ قەلبىم ئۇنى يەنىلا ئىزدىمەكتە، بىراق تېخى تاپالمىدىم! ــ مىڭ كىشى ئارىسىدا بىر دۇرۇس ئەركەكنى تاپتىم ــ بىراق شۇ مىڭ كىشى ئارىسىدىن بىرمۇ دۇرۇس ئايالنى تاپالمىدىم. ◼ 7:28 +bd «مىڭ كىشى ئارىسىدا بىر دۇرۇس ئەركەكنى تاپتىم ــ بىراق شۇ مىڭ كىشى ئارىسىدىن بىرمۇ دۇرۇس ئايالنى تاپالمىدىم»+bd* ــ بۇ بايان بىزگە سۇلايماننىڭ ئۆزىنىڭ كېيىنكى ھاياتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇنىڭ قىز-ئاياللار توغرۇلۇق بولغان خەۋىرى نەدىن كەلگەن؟ ئۇ قانداقتۇ «مىڭ ئايال» بىلەن تونۇشقانمۇ؟ تەۋراتتىكى «پادىشاھلار» قىسمىدىن بىلىمىزكى، ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان ئايال-كېنىزەكلىرى بار ئىدى ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرى بىلەن ئاخىرىدا خۇدانىڭ يولىدىن يىراقلىشىپ، بۇتپەرەسلىككە ئالدىنىپ كەتكەنىدى.*