1بۇ كىتاب ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەھىيسى، يەنى خۇدا ئۇنىڭغا ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرىغا يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئىشلارنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن تاپشۇرغان ۋەھىيدۇر. مەسىھ بۇنى ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ قۇلى يۇھانناغا ئالامەتلەر بىلەن ئايان قىلدى. ◼ 1:1 +bd «بۇ كىتاب ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەھىيسى»+bd* ــ «ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەھىيسى» ھەم ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا ھەم ئۇنىڭدىن كەلگەن ۋەھىيدۇر. +bd «خۇدا ئۇنىڭغا ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرىغا يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئىشلارنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن تاپشۇرغان ۋەھىيدۇر»+bd* ــ خۇدانىڭ «قۇل-خىزمەتكارلىرى» ئىنجىلدا خۇدانىڭ «قۇللۇق»ىدا بولغانلار، يەنى مەجبۇرىي ھالدا ئەمەس، بەلكى مۇھەببەتنىڭ تۈرتكىسىدە چىن كۆڭلىدىن شۇنداق تاللىۋالغانلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.*
2يۇھاننا بولسا خۇدانىڭ سۆز-كالامى ھەمدە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى گۇۋاھلىققا كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىگە گۇۋاھلىق بەردى.
3بۇ بېشارەتنى ئوقۇپ بەرگۈچى ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدا يېزىلغانلارغا ئىتائەت قىلغۇچى بەختلىكتۇر! چۈنكى ۋەھىينىڭ ۋاقتى يېقىندۇر. ◼ 1:3 +bd «ۋەھىينىڭ ۋاقتى يېقىندۇر»+bd* ــ «ۋەھىينىڭ ۋاقتى» دېگەن، بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋاقتى.* ◘ 1:3 ۋەھ. 22:7،10. *
4مەنكى يۇھاننادىن ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى* يەتتە جامائەتكە سالام! ھازىر بار بولغان، ئۆتكەندىمۇ بولغان ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچىدىن، ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىدىكى يەتتە روھتىن ◼ 1:4 +bd «ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىدىكى يەتتە روھتىن... (مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي)»+bd* ــ «يەتتە» دېگەن ساننىڭ كامالەتكە يەتكەن، مۇكەممەل دېگەن مەنىسى بولۇپ، بەزى ئالىملار بۇ «يەتتە روھ» خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ يەتتە تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ (6:5نى ۋە «يەش.» 2:11نى كۆرۈڭ). باشقىلار ئۇلارنى يەتتە پەرىشتىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بەزىلەر: «يەتتە تەرەپلىك روھ» ياكى «يەتتە تەرەپلىمىلىك روھ» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ.* ◘ 1:4 مىس. 3:14؛ ۋەھ. 1:8؛ 4:8؛ 11:17؛ 16:5. *
5ۋە سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، جاھاندىكى پادىشاھلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي.
6ۋە بىزنى بىر پادىشاھلىققا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆز ئاتىسى خۇداغا كاھىنلار قىلغانغا بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەدگىچە بولغاي، ئامىن! ◼ 1:6 +bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەت(لەر)»+bd* ــ «مىس.» 6:19* ◘ 1:6 مىس. 6:19؛ رىم. 12:1؛ 1پېت. 2:5، 9؛ ۋەھ. 5:10. *
7مانا، ئۇ بۇلۇتلار بىلەن كېلىدۇ، شۇنداقلا ھەر بىر كۆز، ھەتتا ئۇنى سانجىغانلارمۇ ئۇنى كۆرىدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل قەبىلە-خەلق ئۇ سەۋەبلىك ئاھ-زار كۆتۈرىدۇ. شۇنداق بولىدۇ، ئامىن! ◼ 1:7 +bd «ھەتتا ئۇنى سانجىغانلارمۇ ئۇنى كۆرىدۇ»+bd* ــ ياكى «يەنى ئۇنى سانجىغانلارمۇ ئۇنى كۆرىدۇ». +bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»+bd* ــ «دان.» 13:7، «زەك.» 10:12* ◘ 1:7 دان. 7:13؛ زەك. 12:10؛ مات. 24:30؛ 25:31؛ يـۇھ. 19:37؛ روس. 1:11؛ 1تېـس. 1:10؛ 2تېـس. 1:10؛ يەھ. 14. *
8مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن، ھازىر بار بولغان، بۇرۇنمۇ بار بولغان ھەم كەلگۈسىدىمۇ بار بولغۇچىدۇرمەن، شۇنداقلا ھەممىگە قادىردۇرمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار خۇدا. ◼ 1:8 +bd «مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»... دۇرمەن»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئالفا» بىرىنچى ھەرپ، «ئومېگا» ئاخىرقى ھەرپتۇر. دېمەك، خۇدا باش ۋە ئاخىردۇر. بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە «مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن» دېگەن سۆزلەر تېپىلمايدۇ.* ◘ 1:8 يەش. 41:4؛ 44:6؛ ۋەھ. 21:6؛ 22:13. *
9سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار ھەم سىلەر بىلەن بىرگە ئەيسادا بولغان ئازاب-ئوقۇبەت، پادىشاھلىق ۋە سەۋر-تاقەتتىن ئورتاق نېسىپدىشىڭلار بولغان مەنكى يۇھاننا خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋە ئەيسانىڭ گۇۋاھلىقى ۋەجىدىن پاتموس دېگەن ئارالدا مەھبۇس* بولۇپ تۇرۇپ قالغاندىم. ◼ 1:9 +bd «ئەيسادا بولغان ئازاب-ئوقۇبەت، پادىشاھلىق ۋە سەۋر-تاقەتتىن ئورتاق نېسىپدىشىڭلار»+bd* ــ دېمەك، ئەيسا مەسىھدە بولغانلار چوقۇم ھەم ئۇنىڭ نامى ۋەجىدىن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ سەۋر-تاقىتىدىن كۈچ ئېلىشى كېرەك بولىدۇ، ھەم ئۇنىڭدا بولغان پادىشاھلىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. +bd «ئەيسانىڭ گۇۋاھلىقى ۋەجىدىن»+bd* ــ دېمەك «ئەيسا توغرىسىدىكى گۇۋاھلىق»؛ باشقا خىل مەنىسى «ئەيسا (ئۆزى) بەرگەن گۇۋاھلىق». +bd «پاتموس دېگەن ئارالدا مەھبۇس بولۇپ تۇرۇپ قالغاندىم»+bd* ــ پاتموس رىملىقلارنىڭ دەھشەتلىك «ئەمگەك لاگىرى» بولغان تۈرمە ئىدى. يۇھاننا مەزكۇر كىتابنى يېزىۋاتقاندا پاتموس ئارىلىدىن ئازاد قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن.*
10«رەبنىڭ كۈنى»دە مەن روھنىڭ ئىلكىگە ئېلىنىشىم بىلەن، كەينىمدىن كاناي ئاۋازىدەك كۈچلۈك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ◼ 1:10 +bd ««رەبنىڭ كۈنى»دە مەن روھنىڭ ئىلكىگە ئېلىنىشىم بىلەن...»+bd* ــ «رەبنىڭ كۈنى» ياكى «رەبلىك كۈن». ئالىملار بۇ توغرۇلۇق ئۈچ پىكىردە بولىدۇ: ــ (1) رەبنىڭ كۈنى يەكشەنبە كۈنى (رەب ئۆلۈمدىن تىرىلگەن كۈن)نى كۆرسىتىدۇ؛ (2) تەۋراتتا كۆپ تىلغا ئېلىنغان، قىيامەت كۈنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاخىرقى زامانلاردىكى ئاخىرقى دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈنلەرنى، يەنى «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»نى كۆرسىتىدۇ، مۇشۇ كۆزقاراش بويىچە بولغاندا يۇھاننا روھتا كۆتۈرۈلۈپ كەلگۈسىدىكى زامانلارغا يۆتكىلىپ «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»نى كۆرىدۇ؛ (3) شۇ ۋاقىتلاردا ھەر يىلنىڭ بىر كۈنىدە رىم ئىمپېراتورى (شۇ ۋاقىتتا دومىتىيان ئىدى) بارلىق پۇقرالىرىنى ئۆزىگە سەجدە قىلدۇرۇپ: «قەيسەر رەبتۇر!» دەپ ئېتىراپ قىلىپ، خۇشبۇي سېلىشقا مەجبۇر قىلاتتى. شۇڭا شۇ كۈنى «رەبنىڭ كۈنى» دەپ ئاتالغان. بىزنىڭچە «رەبنىڭ كۈنى» دەل شۇ كۈننى كۆرسىتىدۇ؛ لېكىن كىنايىلىك هەم ھەجۋىيلىك ئىش شۇكى، رەب دەل شۇ كۈنىدە (2-كۆزقاراشتىكىدەك) ئۆزىنىڭ، يەنى «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»نى ئايان قىلىشنى لايىق كۆردى. +bd «مەن روھنىڭ ئىلكىگە ئېلىنىشىم بىلەن...»+bd* ــ «روھ» خۇدانىڭ روھى، مۇقەددەس روھنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 1:10 ۋەھ. 4:2. *
11بۇ ئاۋاز: «كۆرىدىغانلىرىڭنى كىتاب قىلىپ ياز ۋە ئۇنى يەتتە جامائەتكە، يەنى ئەفەسۇس، سمىرنا، پەرگامۇم، تىياتىرا، ساردىس، فىلادېلفىيە ۋە لائودىكىيادىكى جامائەتلەرگە ئەۋەت» دېدى. ◼ 1:11 +bd «سمىرنا»+bd* ــ ھازىرقى تۈركىيەدىكى «ئىزمىر». +bd «كۆرىدىغانلىرىڭنى كىتاب قىلىپ ياز ۋە ئۇنى يەتتە جامائەتكە، يەنى ئەفەسۇس، سمىرنا، پەرگامۇم، تىياتىرا، ساردىس، فىلادېلفىيە ۋە لائودىكىيادىكى جامائەتلەرگە ئەۋەت»+bd* ــ بۇ يەتتە شەھەرنىڭ ھەممىسى بىر دۈگىلەكتە بىر-بىرىگە يانداش جايلاشقانىدى. روسۇل يۇھاننا ياشانغاندا ئەفەسۇس شەھىرىدە ماكانلاشقانىدى. «قوشۇمە سۆز» ۋە خەرىتىنى كۆرۈڭ.*
12ماڭا سۆز قىلغان ئاۋازنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەينىمگە بۇرۇلدۇم. بۇرۇلغىنىمدا، كۆزۈمگە يەتتە ئالتۇن چىراغدان ◼ 1:12 +bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»+bd* ــ «مىس.» 31:25-40.* ◘ 1:12 مىس. 40-31:25*
13ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچىسىغا پۇتلىرىغىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان تون كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرى كۆرۈندى. ◼ 1:13 +bd «كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ئىنسانئوغلى»+bd* ــ ياكى «كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ئىنساننىڭ بىر ئوغلى». «دان.» 13:7نى ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.* ◘ 1:13 ئەز. 1:26؛ دان. 7:13؛ ۋەھ. 14:14. *
14ئۇنىڭ باش-چېچى ئاق يۇڭدەك، ھەتتا قاردەك ئاپئاق ئىدى ۋە كۆزلىرى گويا يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتتەك ئىدى. ◘ 1:14 دان. 7:9؛ ۋەھ. 19:12. *
15پۇتلىرى خۇمداندا تاۋلىنىپ پارقىرىغان تۇچقا ئوخشايتتى، ئاۋازى شارقىراپ ئېقىۋاتقان نۇرغۇن سۇلارنىڭ ئاۋازىدەك ئىدى. ◘ 1:15 ۋەھ. 14:2. *
16ئۇ ئوڭ قولىدا يەتتە يۇلتۇز تۇتقان بولۇپ، ئاغزىدىن ئىككى بىسلىق ئۆتكۈر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى. چىرايى خۇددى قۇياشنىڭ تولۇق كۈچىدە پارلىغاندەك يارقىن ئىدى. ◼ 1:16 +bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەت»+bd* ــ «دان.» 13:7.* ◘ 1:16 يەش. 49:2؛ دان. 7:13؛ ئەف. 6:17؛ ئىبر. 4:12؛ ۋەھ. 2:16؛ 19:15. *
17ئۇنى كۆرگىنىمدە، ئايىغىغا ئۆلۈكتەك يىقىلدىم. ئۇ ئوڭ قولىنى ئۈستۈمگە تەگكۈزۈپ مۇنداق دېدى:
18ھەمدە ھايات بولغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئۆلگەنىدىم، ئەمما مانا، مەن ئەبەدىلئەبەدگىچە ھاياتتۇرمەن، ئۆلۈم ۋە تەھتىسارانىڭ ئاچقۇچلىرى قولۇمدىدۇر! ◘ 1:18 ئايۇپ 12:14؛ يەش. 22:22؛ رىم. 6:9؛ ۋەھ. 3:7؛ 20:1. *
19شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆرگەن ئىشلارنى، ھازىر بولۇۋاتقان ئىشلارنى ۋە بۇلاردىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى يېزىپ قالدۇر.