ۋەھىي 11:1-18 UIGB2010 - Bible AI

1ماڭا ئۆلچىگۈچ ھاسىدەك بىر قومۇش بېرىلىپ، مۇنداق دېيىلدى:

2لېكىن ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىنى ئۆلچىمەي قوي، چۈنكى ئۇ يەر يات تائىپىلەرگە بېرىلدى، شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس شەھەر قىرىق ئىككى ئاي دەپسەندە قىلىنىدۇ. ◘ 11:2 ۋەھ. 13‏:5. *

3مەن ئىككى گۇۋاھچىمغا قۇدرەت بېرىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۆز كىيىم كىيىپ، ۋەھىي-بېشارەتلەرنى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئاتمىش كۈن يەتكۈزىدۇ» ◼ 11:3 +bd «ئىككى گۇۋاھچىم... بۆز كىيىم كىيىپ...»+bd* ــ كونا زامانلاردا «بۆز كىيىم كىيىش» توۋا قىلىش ياكى ماتەم تۇتۇشنى بىلدۈرەتتى. شۈبھىسىزكى، بۇ ئىش ئۇلارنىڭ توۋا قىلىش ھەققىدىكى خەۋەرنى تەكىتلەش ئۈچۈن بولىدۇ.*

4(بۇلار يەر-زېمىننىڭ رەببى ئالدىدا تۇرغان ئىككى تۈپ زەيتۇن دەرىخى ۋە ئىككى چىراغداندۇر). ◼ 11:4 +bd «مۇنساۋەتلىك ئايەتلەر»+bd* ــ «زەك.» 1:4-7.* ◘ 11:4 زەك. 4‏:14،3. *

5بىرەرسى ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولسا، ئېغىزلىرىدىن ئوت پۈركۈلۈپ چىقىپ، دۈشمەنلىرىنى يەپ تۈگىتىدۇ. ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولغانلار مانا شۇنداق ئۆلتۈرۈلىدۇ.

6ئۇلار بېشارەت-ۋەھىينى يەتكۈزگەن كۈنلەردە يامغۇر ياغدۇرماسلىققا ئاسماننى ئېتىۋېتىش قۇدرىتىگە ئىگە؛ سۇلارنى قانغا ئايلاندۇرۇش ۋە ھەرخىل بالا-ۋابا بىلەن يەر-زېمىننى خالىغان ۋاقىتتا ئۇرۇش قۇدرىتىگىمۇ ئىگە. ◘ 11:6 مىس. 7؛ 8؛ 9؛ 10؛ 12؛ 1پاد. 17‏:1. *

7ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق ۋەزىپىسى ئاياغلىشىشى بىلەن، تېگى يوق ھاڭدىن چىقىدىغان دىۋە ئۇلار بىلەن ئېلىشىدۇ ۋە ئۇلارنى يېڭىپ ئۆلتۈرىدۇ. ◼ 11:7 +bd «تېگى يوق ھاڭدىن چىقىدىغان دىۋە ئۇلار بىلەن ئېلىشىدۇ»+bd* ــ گرېك تىلىدا «تېگى يوق ھاڭدىن چىقىدىغان دىۋە ئۇلار بىلەن ئۇرۇشىدۇ».* ◘ 11:7 دان. 7‏:21؛ ۋەھ. 13‏:11،7. *

8جەسەتلىرى روھىي جەھەتتىن سودوم ۋە مىسىر دەپ ئاتىلىدىغان شۇ كاتتا شەھەرنىڭ غول كوچىسىدا ياتىدۇ؛ شۇ يەردە ئۇلارنىڭ رەببىمۇ كرېستلەنگەنىدى. ◼ 11:8 +bd «روھىي جەھەتتىن سودوم ۋە مىسىر دەپ ئاتىلىدىغان شەھەر»+bd* ــ سودوم ئېغىر بۇزۇقلۇققا چۆمگەنىدى، مىسىر بولسا خۇدانىڭ بەندىلىرىگە نىسبەتەن ئەسلىدە ئۇلارنى ئەسىر قىلىۋالغان «بۇ رەزىل دۇنيا»نىڭ سىمۋولىدۇر. شەھەرنىڭ «روھىي جەھەتتىن» شۇ ناملاردا بولۇشى «رىم» ياكى «بابىل (بابىلون)»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ شەھەر ھەرھالدا ئاخىرقى زاماندا بۇ رەزىل دۇنيانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ئەڭ چوڭ ناماياندە بولۇشى كېرەك.

9ھەر مىللەتتىن، ھەر قەبىلىدىن ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلاردىن، ھەر ئەلدىن بولغان ئادەملەر ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىگە ئۈچ يېرىم كۈن تىكىلىپ قارايدۇ ۋە جەسەتلەرنىڭ يەرلىككە قويۇلۇشىغا يول قويمايدۇ.

10يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلار ئۇلارنىڭ بۇ ھالىدىن خۇشاللىنىپ، تەبرىكلىشىپ، بىر-بىرىگە ھەدىيەلەر ئەۋەتىشىدۇ؛ چۈنكى بۇ ئىككى پەيغەمبەر يەر يۈزىدىكىلەرنى قىينايتتى.

11لېكىن ئۈچ يېرىم كۈندىن كېيىن، خۇدادىن كەلگەن ھاياتلىق نەپىسى ئىككىيلەنگە كىردى، ئۇلار ئورنىدىن پۇت تىرەپ تۇردى؛ ئۇلارغا قاراۋاتقانلارنىڭ ئۈستىگە چوڭ بىر قورقۇنچ چۈشتى. ◼ 11:11 +bd «خۇدادىن كەلگەن ھاياتلىق نەپىسى ئىككىيلەنگە كىردى...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «نەپەس» ۋە «روھ» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.* ◘ 11:11 ئ‍ەز. 37‏:10،5*

12ئاندىن ئۇلار ئىككەيلەنگە ئەرشتىن كەلگەن: ــ «بۇ ياققا چىق!» دېگەن يۇقىرى بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا بىر بۇلۇت ئىچىدە ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. ◼ 11:12 +bd «ئۇلار ئىككەيلەنگە ئەرشتىن كەلگەن: ــ «بۇ ياققا چىق!» دېگەن يۇقىرى بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى»+bd* ــ بەزى قەدىمكى كۆچۈرمىلەردە: «مەن ئۇلار ئىككىلىسى ئۆزلىرىگە ئەرشتىن كەلگەن: ــ «بۇ ياققا چىق!» دېگەن يۇقىرى بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم» دېيىلىدۇ.*

13دەل شۇ سائەت ئىچىدە شىددەتلىك يەر تەۋرەش يۈز بەردى، شەھەرنىڭ ئوندىن بىرى گۇمران بولۇپ، يەتتە مىڭ كىشى ھالاك بولدى. قالغانلىرى دەككە-دۈككىگە چۆمۈپ، ئەرشتىكى خۇدانى ئۇلۇغلاشتى. ◼ 11:13 +bd «يەتتە مىڭ كىشى ھالاك بولدى»+bd* ــ گرېك تىلىدا «يەتتە مىڭ نام ھالاك بولدى».*

14ئىككىنچى «ۋاي» ئۆتۈپ كەتتى؛ مانا، ئۈچىنچى «ۋاي» كېلىشكە ئاز قالدى. ◘ 11:14 ۋەھ. 8‏:13؛ 9‏:12؛ 15‏:1. *

15ئاندىن يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ ئەرشتە يۇقىرى ئاۋازلار ئاڭلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ

16خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆز تەختلىرىدە ئولتۇرغان يىگىرمە تۆت ئاقساقال يەرگە يىقىلىپ باش قويۇپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشتى: ــ

17«شۈكۈرلەر ئېيتىمىز ساڭا،

18ئەللەر غەزەپلەنگەنىدى،

© 2010 Institute for Bible Translation
iv>