ۋەھىي 12:1-16 UIGB2010 - Bible AI

1ئۇ چاغدا، ئەرشتە ئاجايىپ بىر كارامەت پەيدا بولدى ــ ئۇ قۇياشنى يېپىنچاقلىغان، پۇتلىرىنىڭ ئاستىدا ئاي، بېشىدا ئون ئىككى يۇلتۇزلۇق تاج بار بىر ئايال ئىدى.

2ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، تولغاق يەپ تۇغۇش ئازابىدا داد-پەرياد كۆتۈردى. ◼ 12:2 +bd «ئۇ (ئايال) ھامىلىدار بولۇپ، تولغاق يەپ تۇغۇش ئازابىدا داد-پەرياد كۆتۈردى...»+bd* ــ ئايال توغرۇلۇق ئۈچ پىكىر بار؛ ئۇ ياكى (1) جامائەتنى؛ ياكى (2) بۈۋى مەريەم؛ ياكى (3) ئىسرائىلنى بىلدۈرىدۇ. بىزنىڭ ئۇنىڭ ئىسرائىلنى بىلدۈرىدىغانلىقىغا قىلچە گۇمانىمىز يوق.

3ئاندىن ئەرشتە يەنە بىر ئالامەت كۆرۈندى ــ مانا، يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە بېشىدا يەتتە تاج بار بولغان چوڭ بىر قىزىل ئەجدىھا تۇراتتى.

4ئۇ قۇيرۇقى بىلەن ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى سۈپۈرۈپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە چۆرۈۋەتتى. ئەجىدىھا تۇغاي دەپ قالغان ئايال يەڭگىگەن ھامان ئۇنىڭ بالىسىنى يالماپ يۇتۇۋەتمەكچى بولۇپ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى. ◼ 12:4 +bd «ئۇ (ئەجدىھا) قۇيرۇقى بىلەن ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى سۈپۈرۈپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە چۆرۈۋەتتى...»+bd* ــ بۇ ۋەھىي بىزنىڭچە شەيتاننىڭ ئەسلىدەئەرشتە خۇداغا قارشى كۆتۈرگەن ئىسيانىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق شەرھ توغرا بولسا، پەرىشتىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ئىسيانغا قوشۇلۇپ ھازىرقى جىنلار بولۇپ چىققان.*

5ئايال بىر بالا، يەنى پۈتۈن ئەللەرنى تۆمۈر ھاسىسى بىلەن پادىچىدەك باقىدىغان بىر ئوغۇل تۇغدى. بالا بولسا خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىغا غاچچىدە ئېلىپ چىقىلدى. ◘ 12:5 زەب. 2‏:9؛ ۋەھ. 2‏:27. *

6ئايال چۆلگە قاچتى؛ ئۇ يەردە ئۇنىڭ 1260 كۈن بېقىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا خۇدا تەرىپىدىن ھازىرلاپ قويۇلغان بىر جاي بار ئىدى. ◘ 12:6 يەر. 13:49، 14؛ مىك. 12:2، 13؛ ۋەھ. 11‏:3*

7ئاندىن ئەرشتە جەڭ بولدى. باش پەرىشتە* مىكائىل ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى ئەجدىھا بىلەن جەڭ قىلغىلى تۇردى؛ ئەجدىھامۇ ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن ئۇلارغا ئېتىلدى. ◼ 12:7 +bd «باش پەرىشتە مىكائىل»+bd* ــ باش پەرىشتە مىكائىلنىڭ ئىسرائىل خەلقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالاھىدە مەسئۇلىيىتى بار («دان.» 13:10، 21، 1:12 ۋە «يەھ.» 9نى كۆرۈڭ).*

8لېكىن ئۇ ئۈستۈنلۈك قازىنالمىدى، ئۇنىڭغا ۋە پەرىشتىلىرىگە ئەرشتە تۇرۇشقا ئورۇن قالمىدى. ◘ 12:8 دان. 2‏:35. *

9شۇنىڭ بىلەن زور ئەجدىھا، يەنى ئىبلىس ۋە شەيتان دەپ ئاتالغان، پۈتۈن جاھاننى ئازدۇرغۇچى ھېلىقى قەدىمىي يىلان يەر يۈزىگە تاشلاندى. ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تاشلاندى. ◘ 12:9 لۇقا 10‏:18؛ ۋەھ. 20‏:2. *

10ئاندىن مەن ئەرشتە يۇقىرى بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ــ

11قېرىنداشلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن قوزىنىڭ قېنى ۋە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى بىلەن غالىب كەلدى؛

12شۇنىڭ ئۈچۈن، شادلىنىڭلار، ئەي ئەرشلەر ۋە ئۇلاردا تۇرۇۋاتقالار!

13ئەجدىھا ئۆزىنىڭ يەر يۈزىگە تاشلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئوغۇل بالىنى تۇغقان ئايالنى قوغلاشقا باشلىدى.

14ئايالنىڭ يىلاننىڭ يۈزىدىن دالدىلىنىشى، چۆلدە ئۆزى ئۈچۈن ھازىرلانغان* ماكانىغا بېرىپ بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يېرىم مەزگىل بېقىلسۇن دەپ شۇ يەرگە ئۇچۇپ كېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يوغان بىر بۈركۈتنىڭ ئىككى قانىتى بېرىلدى. ◼ 12:14 +bd «بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل، ۋە يېرىم مەزگىل»+bd* ــ 1260 كۈن، تەخمىنەن ئۈچ يېرىم يىل. «دان.» 25:7، 7:12نى، ئىزاھاتلىرى ۋە «دانىيال»دىكى «قوشۇمچە سۆز»نىمۇ كۆرۈڭ.* ◘ 12:14 ۋەھ. 2‏:6. *

15ئاندىن يىلان ئايالنىڭ ئارقىسىدىن ئاغزى بىلەن دەريادەك سۇ پۈركۈپ، ئۇنى سەل بىلەن ئېقىتىپ يوقاتماقچى بولدى.

16لېكىن زېمىن ئايالغا ياردەم قىلىپ، ئاغزىنى ئېچىپ، ئەجدىھا ئاغزىدىن پۈركۈپ چىقارغان دەريانى يۇتۇۋەتتى.

© 2010 Institute for Bible Translation
iv>