ۋەھىي 13:1-17 UIGB2010 - Bible AI

1ئاندىن، دېڭىزدىن ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە باشلىق بىر دىۋىنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ھەربىر مۈڭگۈزىدە بىردىن تاج بار ئىدى، ھەربىر بېشىدا كۇپۇرلۇق ناملىرى يېزىقلىق ئىدى. ◼ 13:1 +bd «دېڭىزدىن ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە باشلىق بىر دىۋىنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم»+bd* ــ ئادەمئاتىمىز خۇدانىڭ ئوبرازىدا بولغاندەك (كېيىن گۇناھ قىلغاچقا بۇ ئوبراز بۇزۇلغان، ئەلۋەتتە)، ئاندىن مەسىھ ئۆزى خۇدانىڭ مۇكەممەل ئوبرازى، شۇنداقلا يەر يۈزىدىكى ۋەكىلى بولغاندەك، بۇ «دىۋە» 12-بابتا كۆرۈنگەن شەيتاننىڭ توپتوغرا (يەتتە باشلىق ئون مۈڭگۈزلۈك) ئوبرازىدۇر. يەنە بىر قىزىق ئىش شۇكى، ئۇ كۆرۈنۈشتە مەسىھكە ئوخشاش «ئۆلۈمدىن تىرىلگەن» بولىدۇ (3-ئايەت). شۇنىڭ بىلەن بىزدە قىلچە گۇمان يوقكى، بۇ دىۋە شەيتاننىڭ يەر يۈزىدىكى ۋەكىلى، يەنى مەسىھنىڭ رەقىبى بولغان ئادەم ــ دەججالنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 13:1 دان. 7‏:20؛ ۋەھ. 17‏:3. *

2مەن كۆرگەن بۇ دىۋە يىلپىزغا ئوخشايتتى، پۇتلىرى ئېيىقنىڭ پۇتلىرىغا، ئاغزى بولسا شىرنىڭ ئاغزىغا ئوخشايتتى. ئەجدىھا ئۇنىڭغا ئۆز قۇدرىتى، تەختى ۋە زور ھوقۇقىنى بەردى. ◼ 13:2 +bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»+bd* ــ «دان.» 1:7-8.* ◘ 13:2 دان. 8-1:7*

3دىۋىنىڭ باشلىرىدىن بىرى ئەجەللىك يارىلانغاندەك تۇراتتى. لېكىن، بۇ ئەجەللىك يارا ساقايغانىدى. پۈتكۈل دۇنيا دىۋىگە ھەيرانۇھەس بولۇپ ئۇنىڭغا ئەگەشتى*.

4ئەجدىھا دىۋىگە سەلتەنەتلىك* ھوقۇق بەرگەچكە ئۇلار ئەجدىھاغا چوقۇنۇشتى. ئۇلار يەنە دىۋىگىمۇ چوقۇنۇپ: ــ دىۋىنىڭ تەڭدىشى بارمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن كىممۇ ئېلىشالىسۇن؟ ــ دېدى. ◘ 13:4 ۋەھ. 18‏:18. *

5دىۋىگە تەكەببۇرلۇق ۋە كۇپۇرلۇق قىلىدىغان ئېغىز بېرىلدى؛ ئۇنىڭغا قىرىق ئىككى ئاي ئىش كۆرۈشكە ھوقۇق بېرىلدى. ◘ 13:5 ۋەھ. 11‏:2. *

6ئۇ خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلغىلى ــ ئۇنىڭ نامىغا ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا، شۇنداقلا ئەرشنى ماكان قىلغانلارغا كۇپۇرلۇق قىلغىلى ئاغزىنى ئاچتى. ◼ 13:6 +bd «...ئۇنىڭ نامىغا ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا...كۇپۇرلۇق قىلغىلى...»+bd* ــ ياكى «... ئۇنىڭ نامىغا ۋە ئۇنىڭ تۇرالغۇ چېدىرىغا... كۇپۇرلۇق قىلغىلى...». «ئۇنىڭ دەرگاھى» ياكى ئەرشتىكى تۇرالغۇسى ياكى يەر يۈزىدىكى ئىبادەتخانىسىنى كۆرسەتكەن بولسا كېرەك.*

7ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلەرگە قارشى جەڭ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە يول قويۇلدى؛ ھەر قەبىلە، ھەر مىللەت، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەللەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى ئۇنىڭغا بېرىلدى. ◘ 13:7 دان. 7‏:21؛ ۋەھ. 11‏:7. *

8يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ــ ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان بوغۇزلىنىپ بولغان قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىگە نامى يېزىلمىغانلار بولسا، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ. ◼ 13:8 +bd «ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان بوغۇزلىنىپ بولغان قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىگە نامى يېزىلمىغانلار بولسا»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان، بوغۇزلانغان قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىگە نامى يېزىلمىغانلار بولسا،...»* ◘ 13:8 مىس. 32‏:33؛ فىل. 4‏:3؛ ۋەھ. 3‏:5؛ 17‏:8؛ 20‏:12؛ 21‏:27. *

9قۇلىقى بارلار، بۇنى ئاڭلىسۇن!

10««تۇتقۇن بولىدۇ» دەپ بېكىتىلگەنلەر چوقۇم تۇتقۇن بولىدۇ، «قىلىچلىنىدۇ» دەپ بېكىتىلگەنلەر چوقۇم قىلىچلىنىپ ئۆلىدۇ».

11مەن يەردىن چىقىۋاتقان يەنە بىر دىۋىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ قوزىنىڭكىدەك كىچىك ئىككى مۈڭگۈزى بار ئىدى، لېكىن ئاۋازى ئەجدىھانىڭكىدەك چىقاتتى. ◘ 13:11 ۋەھ. 11‏:7. *

12ئۇ ئاۋۋالقى دىۋىگە ۋاكالىتەن ئۇنىڭ پۈتۈن ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، يەر يۈزىنى ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنى ئەجەللىك يارىسى ساقايغان ئاۋۋالقى دىۋىگە چوقۇندۇرىدۇ. ◘ 13:12 ۋەھ. 19‏:20. *

13ئۇ زور مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتەتتى، ھەتتا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئاسماندىن يەر يۈزىگە ئوت ياغدۇراتتى. ◘ 13:13 2تېـس. 2‏:9؛ ۋەھ. 16‏:14. *

14ئۇ ئاۋۋالقى دىۋىگە ۋاكالىتەن كۆرسىتىشكە ھوقۇقلاندۇرۇلغان ئالامەتلەر بىلەن يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارنى ئازدۇرۇپ، ئۇلارغا «قىلىچ بىلەن يارىلانغان، لېكىن تىرىك قالغان» دېگەن ئاۋۋالقى دىۋىگە ئاتاپ بىر بۇت-ھەيكەل ياساپ تىكلەشنى تاپىلىدى. ◘ 13:14 قان. 13‏:2؛ مات. 24‏:24؛ ۋەھ. 16‏:14؛ 19‏:20. *

15دىۋىنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە نەپەس كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئۇنى سۆزلىيەلەيدىغان قىلىش ۋە ئۇنىڭغا چوقۇنمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرگۈزۈش قۇدرىتى بېرىلدى. ◘ 13:15 ۋەھ. 19‏:20. *

16ئۇ تۆۋەن ۋە كاتتا، باي ۋە كەمبەغەل، ھۆر ۋە قۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئوڭ قولى ياكى پېشانىسىگە تامغا باستۇرۇشقا مەجبۇرلىدى.

17ئۇ يەنە بۇ تامغا، يەنى دىۋىنىڭ نامى ياكى ئۇنىڭ نامىدىكى رەقەم بېسىلغانلاردىن باشقا ھېچكىم بىر نەرسە سېتىۋالالمايدۇ ياكى ساتالمايدۇ، دەپ بېكىتتى. ◘ 13:17 ۋەھ. 14‏:11. *

© 2010 Institute for Bible Translation
iv>