1ئاندىن مەن كۆردۈمكى، مانا، قوزا زىئون تېغى ئۈستىدە تۇراتتى. ئۇنىڭ يېنىدا پېشانىسىگە ئۆز نامى ۋە ئاتىسىنىڭ نامى يېزىلغان بىر يۈز قىرىق تۆت مىڭ كىشى بار ئىدى. ◼ 14:1 +bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»+bd* ــ «زەب.» 48-كۈي، «ئىبر.» 18:12-29.* ◘ 14:1 2تار. 23:7؛ زەب. 48؛ ئىبر. 29-18:12؛ ۋەھ. 7:4*
2ئاسماندىن خۇددى شارقىراپ ئېقىۋاتقان* نۇرغۇن سۇلارنىڭ ئاۋازىدەك ۋە قاتتىق گۈلدۈرمامىنىڭ ئاۋازىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. مەن ئاڭلىغان ئاۋاز يەنە چىلتارچىلار چىلتارلارنى چالغان ئاۋازغا ئوخشايتتى؛ ◘ 14:2 ۋەھ. 1:15؛ 5:8. *
3ھېلىقى كىشىلەر تەختنىڭ، تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئالدىدا يېڭى بىر كۈينى ئېيتىشتى. بۇ كۈينى گۇناھلىرىنىڭ* بەدىلى تۆلىنىپ بۇ دۇنيادىن ئازاد قىلىنغان كىشىلەردىن بىر يۈز قىرىق تۆت مىڭدىن باشقا ھېچكىم ئۆگىنەلمەيتتى. ◘ 14:3 ۋەھ. 5:9. *
4ئۇلار ئاياللار تەرىپىدىن گۇناھتا بۇلغانمىغان، چۈنكى ئۇلار پاك ئادەملەردۇر. قوزا نەگە بارسا، ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ شۇ يەرگە بارىدۇ. ئۇلار بەدەل بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىن خۇداغا ۋە قوزىغا ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسىدەك بولۇش ئۈچۈن سېتىۋېلىنغان. ◼ 14:4 +bd «چۈنكى ئۇلار پاك ئادەملەردۇر»+bd* ــ «پاك ئادەملەر» بولسا گرېك تىلىدا ئادەتتە بۇ سۆز جىنىسىي مۇناسىۋەتنى ئۆتكۈزمىگەن كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ يەردە (1) ئەمەلىي شۇ مەنىدە (2) ياكى روھىي جەھەتتە كۆچمە مەنىدە (3) ياكى ئىككى مەنىدە تەڭ بولۇشى مۇمكىن. ئايەتتىن كۆرۈنىدۇكى، ئۇلار ھەممىسى ئوغۇل بالىلار. +bd «ئۇلار بەدەل بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىن خۇداغا ۋە قوزىغا ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسىدەك بولۇش ئۈچۈن سېتىۋېلىنغان»+bd* ــ «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى»نىڭ ئۆز قىممىتى بار، ئەلۋەتتە؛ تەۋرات دەۋرىدە ئىسرائىللار دائىم «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى» خۇداغا (نەزىر قىلىپ) ئاتايتتى. بۇ ئىشلار توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.* ◘ 14:4 2كور. 11:2. *
5ئۇلار ئەيىبسىز بولۇپ، ئاغزىدىن ھېچ يالغان سۆز چىقمايدۇ. ◼ 14:5 +bd «ئۇلار ئەيىبسىز بولۇپ، ئاغزىدىن ھېچ يالغان سۆز چىقمايدۇ»+bd* ــ مۇشۇ يەردە بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە «چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ تەختى ئالدىدا ئەيىبسىز ئىسپاتلىنىدۇ» دېگەن سۆزلەر قوشۇلىدۇ.* ◘ 14:5 زەف. 3:13؛ ئەف. 5:27. *
6ئاندىن مەن ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇپ يۈرگەن باشقا بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇنىڭغا يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارغا، يەنى ھەربىر ئەل، قەبىلە، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلار، ھەر مىللەتلەرگە ئېلىپ يەتكۈزۈشى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك خۇش خەۋەر تاپشۇرۇلدى.
7ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:
8ئۇنىڭ كەينىدىن ئىككىنچى پەرىشتە كېلىپ مۇنداق دېدى: «غۇلىدى! كاتتا شەھەر بابىل غۇلىدى، ئۇ ئۆز زىنا-بۇزۇقلۇقىنىڭ سەۋدالىق شارابىنى پۈتكۈل ئەللەرگە ئىچكۈزگەن». ◼ 14:8 +bd «ئۇ ئۆز زىنا-بۇزۇقلۇقىنىڭ سەۋدالىق شارابىنى پۈتكۈل ئەللەرگە ئىچكۈزگەن»+bd* ــ «سەۋدالىق» توغرۇلۇق: گرېك تىلىدا «سەۋداسى» دېگەن سۆز ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، يەنە «غەزەپ» دېگەن مەنىسىمۇ بار؛ شۈبھىسىزكى، مۇشۇ يەردە بۇنىڭ ئىككىنچى مەنىدە كەلگەن؛ بابىلنىڭ شارابىنى ئىچكەنلەر خۇدانىڭ قاتتىق غەزىپىگە ئۇچرايدۇ.* ◘ 14:8 يەش. 21:9؛ يەر. 51:8؛ ۋەھ. 16:19؛ 17:5؛ 18:21،10،2. *
9ئالدىنقى ئىككى پەرىشتىنىڭ كەينىدىن يەنە بىر پەرىشتە، يەنى ئۈچىنچى پەرىشتە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: ــ
10خۇدانىڭ قەھرىنىڭ ئەبجەش قىلىنمىغان ساپ شارابىنى ئۇنىڭ غەزىپى بىلەن تولغان قەدەھتە ئىچىدۇ. ئۇ مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا ئوت ۋە گۈڭگۈرتتە قىينىلىدۇ. ◘ 14:10 ۋەھ. 16:19؛ 18:6؛ 19:20. *
11ئۇلارنىڭ قىينىلىشلىرىدىن چىققان ئىس-تۈتەكلەر ئەبەدىلئەبەد پۇرقىراپ تۇرىدۇ؛ دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلار ياكى ئۇنىڭ نامىنىڭ تامغىسىنى قوبۇل قىلغانلارغا كېچە-كۈندۈز ئاراملىق بولمايدۇ». ◘ 14:11 ۋەھ. 19:3. *
12مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ سەۋرى-تاقىتى ۋە ئېتىقادى مانا شۇ ئىشلاردا مەلۇم بولىدۇ. ◘ 14:12 ۋەھ. 13:10. *
13مەن يەنە ئاسماندا مۇنداق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: ــ
14مەن كۆردۈمكى، مانا بىر پارچە ئاق بۇلۇت، بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە بېشىغا ئالتۇن تاج كىيگەن، قولىدا ئۆتكۈر بىر ئورغاق تۇتقان ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرسى ئولتۇراتتى. ◼ 14:14 +bd «ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرسى»+bd* ــ بىزنىڭچە، بۇ زات مەسىھ بولۇشى كېرەك. چۈنكى «يو.» 11:3-14دە «ئورما ئورىغۇچى»نىڭ خۇدانىڭ ئۆزى ئىكەنلىكى كۆرۈنىدۇ.* ◘ 14:14 ئەز. 1:26؛ دان. 7:13؛ يو. 14-11:3؛ ۋەھ. 1:13. *
15ئىبادەتخانىدىن باشقا بىر پەرىشتە چىقىپ، بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇچىغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:
16بۇلۇت ئۈستىدە ئولتۇرغۇچى ئورغىقىنى يەر يۈزىگە سالدى ۋە يەر يۈزىدىكى زىرائەتلەر ئورۇلدى.
17ئەرشتە بولغان ئىبادەتخانىدىن يەنە بىر پەرىشتە چىقتى. ئۇنىڭمۇ ئۆتكۈر بىر ئورغىقى بار ئىدى.
18ئارقىدىنلا، ئوتنى باشقۇرىدىغان يەنە بىر پەرىشتە قۇربانگاھدىن چىقىپ، ئۆتكۈر ئورغاق تۇتقان پەرىشتىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:
19بۇنىڭ بىلەن پەرىشتە ئورغىقىنى يەر يۈزىگە سالدى ۋە يەردىكى ئۈزۈم تېلىنىڭ مېۋىلىرىنى يىغىپ، خۇدانىڭ قەھرىنىڭ چوڭ شاراب كۆلچىكىگە تاشلىدى. ◼ 14:19 +bd «يەردىكى ئۈزۈم تېلى»+bd* ــ ياكى «يەردىكى ئۈزۈمزار».* ◘ 14:19 ۋەھ. 19:15. *