1شۇنىڭدىن كېيىن، ئىبادەتخانىدىن كۆتۈرۈلگەن يۇقىرى بىر ئاۋازنىڭ يەتتە پەرىشتىگە: «بېرىڭلار، خۇدانىڭ قەھرى تولغان يەتتە چىنىنى يەر يۈزىگە تۆكۈڭلار!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.
2بىرىنچىسى بېرىپ چېنىدىكىنى يەر-زېمىنغا تۆكتى. بۇنىڭ بىلەن دىۋىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلاردا بىرخىل يىرگىنچلىك ھەم ئازابلىق چاقا-جاھارەت پەيدا بولدى. ◘ 16:2 مىس. 9:11،10،9؛ ۋەھ. 13:17،16،14.*
3ئىككىنچىسى چىنىدىكىنى دېڭىزغا تۆكتى؛ دېڭىز سۈيى ئۆلۈكنىڭ قېنىغا ئوخشاش قانغا ئايلاندى ۋە ئىچىدىكى پۈتۈن جانلىقلار ئۆلدى. ◘ 16:3 مىس. 7:20. *
4ئۈچىنچىسى چىنىدىكىنى دەريا ۋە بۇلاقلارنىڭ سۇلىرىغا تۆكتى؛ ئۇلارنىڭ سۈيىمۇ قانغا ئايلاندى.
5ئاندىن مەن سۇلارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ــ
6مۇشۇ ئادەملەر مۇقەددەس بەندىلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكى ۋەجىدىن،
7ئاندىن قۇربانگاھنىڭ جاۋابەن: ــ
8تۆتىنچىسى چىنىدىكىنى قۇياشنىڭ ئۈستىگە تۆكتى؛ بۇنىڭ بىلەن قۇياشقا ئىنسانلارنى ئوت بىلەن ئۆرتىگىلى قۇدرەت بېرىلدى. ◼ 16:8 +bd «بۇنىڭ بىلەن قۇياشقا ئىنسانلارنى ئوت بىلەن ئۆرتىگىلى قۇدرەت بېرىلدى»+bd* ــ «ئوت بىلەن» ــ دېمەك، ئوتتەك قىزىقلىقى بىلەن. 9-ئايەتنى كۆرۈڭ.*
9شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار دەھشەتلىك قىزىقتا ئۆرتەلدى؛ بىراق ئۇلار ھېچ توۋا قىلمىدى ۋە بۇ بالايىئاپەتلەرنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدانى ئۇلۇغلاشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ نامىنى قارغاشتى. ◘ 16:9 ۋەھ. 16:21،11. *
10بەشىنچىسى چىنىدىكىنى دىۋىنىڭ تەختىگە تۆكتى؛ دىۋىنىڭ پادىشاھلىقىنى قاراڭغۇلۇق باستى، كىشىلەر ئازابتىن تىللىرىنى چىشلەشتى
11ۋە ئاغرىق-ئازابى ۋە چاقا-جاراھەتلىرىنىڭ دەستىدىن ئەرشتىكى خۇدانى كۇپۇرلۇق قىلىپ قارغىشىپ، قىلمىشلىرىغا ھېچ توۋا قىلىشمىدى.
12ئالتىنچىسى چىنىدىكىنى ئۇلۇغ ئەفرات دەرياسىغا تۆكتى؛ شۇ ھامان كۈنچىقىشتىن كېلىدىغان پادىشاھلارنىڭ يولىنى ھازىرلاشقا دەريانىڭ سۈيى قۇرىدى. ◼ 16:12 +bd «كۈنچىقىشتىن كېلىدىغان پادىشاھلارنىڭ يولىنى ھازىرلاشقا دەريانىڭ سۈيى قۇرىدى»+bd* ــ «كۈنچىقىشتىن كېلىدىغان پادىشاھلار» ــ ھارماگېددوندا بولغان جەڭگە قاتنىشىشقا كېلىدىغان پادىشاھلار (16-ئايەتنى كۆرۈڭ). +bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»+bd* ــ «يەر.» 46:10، 51:36، «ۋەھ.» 9:14.* ◘ 16:12 يەر. 46:10؛ 51:36؛ ۋەھ. 9؛14*
13ئاندىن مەن ئەجدىھانىڭ، دىۋىنىڭ ۋە ساختا پەيغەمبەرنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان پاقىغا ئوخشايدىغان ئۈچ ناپاك روھنى كۆردۈم. ◼ 16:13 +bd «ساختا پەيغەمبەر»+bd* ــ قوزىنىڭ قىياپىتىدە بولغان دىۋە (11:13-17).*
14بۇلار مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىدىغان جىنلارنىڭ روھلىرى بولۇپ، پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ دەھشەتلىك كۈنىدىكى جەڭگە جەم قىلىشقا ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقىپ كېتىۋاتاتتى ◘ 16:14 2تېـس. 2:9؛ ۋەھ. 13:13؛ 17:14؛ 19:20،19؛ 20:8. *
15(«مانا، مەن ئوغرىدەك كېلىمەن! يالىڭاچ ماڭماسلىق، نومۇسى كۆرۈنمەسلىكى ئۈچۈن، كىيىملىرىنى چىڭ ساقلاپ، سەگەك تۇرغانلار بەختلىكتۇر!»). ◼ 16:15 +bd «مانا، مەن ئوغرىدەك كېلىمەن!»+bd* ــ «ئوغرىنىڭ كېلىشى» بەلكىم كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا، تۇيۇقسىز كېلىشىنى كۆرسەتسە كېرەك. +bd «مانا، مەن ئوغرىدەك كېلىمەن! يالىڭاچ ماڭماسلىق، نومۇسى كۆرۈنمەسلىكى ئۈچۈن، كىيىملىرىنى چىڭ ساقلاپ، سەگەك تۇرغانلار بەختلىكتۇر!»+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەرنى دېگۈچى مەسىھ ئۆزى. +bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»+bd* ــ «يو.» 14:3، «ھوش.» 5:1، 11.* ◘ 16:15 ھوش. 5-1:1؛ يو. 14:3؛ مات. 24:43؛ لۇقا 12:39؛ 1تېس. 5:2؛ 2پېت. 3:10؛ ۋەھ. 3:18،3. *
16ئەمدى ناپاك روھلار* پادىشاھلارنى* ئىبرانىيچە «ھارماگېددون» دېيىلىدىغان يەرگە جەم قىلدى. ◼ 16:16 +bd «ئەمدى ناپاك روھلار پادىشاھلارنى... جەم قىلدى»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار ئۇلارنى... جەم قىلدى». +bd «ھارماگېددون»+bd* ــ «مەگىددو تېغى» دېگەن مەنىدە. . ئىبرانىي تىلىدا توپتوغرا «ھار-مەگىددو» دېيىلىدۇ.*
17يەتتىنچىسى چىنىدىكىنى ھاۋاغا تۆكتى؛ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىدىن، تەختتىن يۇقىرى بىر ئاۋاز كۆتۈرۈلۈپ: «ئىش تامام بولدى!» دېيىلدى. ◘ 16:17 ۋەھ. 21:6. *
18شۇئان چاقماقلار چېقىلدى، تۈرلۈك ئاۋازلار ۋە گۈلدۈرمامىلار ئاڭلاندى ۋە دەھشەتلىك بىر يەر تەۋرەش يۈز بەردى؛ ئىنسانلار يەر يۈزىدە ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى بۇنچىلىك دەھشەتلىك يەر تەۋرەش ھېچ بولۇپ باقمىغانىدى. ◘ 16:18 ۋەھ. 4:5؛ 8:5. *
19كاتتا شەھەر ئۈچكە بۆلۈندى؛ ھەرقايسى ئەللەردىكى شەھەرلەرمۇ غۇلىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن كاتتا شەھەر بابىل خۇدانىڭ يادىغا كېچىپ ئۇنىڭ ئەشەددىي قەھرلىك شارابى بىلەن تولغان قەدەھ ئۇنىڭغا بېرىلدى. ◼ 16:19 +bd «كاتتا شەھەر ئۈچكە بۆلۈندى»+bd* ــ «كاتتا شەھەر» بابىلدۇر (8:14، 10:18 قاتارلىقلارنى كۆرۈڭ).* ◘ 16:19 يەر. 25:15؛ ۋەھ. 14:10،8؛ 18:5. *
20بارلىق ئاراللار ئۆزىنى قاچۇرۇپ غايىب بولدى، تاغلارمۇ يوق بولدى؛