ۋەھىي 19:1-20 UIGB2010 - Bible AI

1بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەرشتە زور بىر توپ ئادەملەرنىڭ ۋارقىراشلىرىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: ــ

2چۈنكى ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەق ۋە ئادىلدۇر؛

3ئۇلار ئىككىنچى قېتىم: ــ «ھەمدۇسانا!» دېيىشتى. ئۇنىڭدىن چىققان ئىس-تۈتەكلەر ئەبەدىلئەبەدگىچە پۇرقىرايدۇ! ◼ 19:3 +bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»+bd* ــ «يەش.» 10:34.* ◘ 19:3 يەش. 34‏:10؛ ۋەھ. 14‏:11؛ 18‏:18. *

4يىگىرمە تۆت ئاقساقال ۋە تۆت ھايات مەخلۇق يەرگە يىقىلىپ: ــ «ئامىن! ھەمدۇسانا!» دەپ، تەختتە ئولتۇرغان خۇداغا سەجدە قىلىشتى.

5ئاندىن تەختتىن كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋاز مۇنداق دېدى: ــ

6ئاندىن زور بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئاۋازىغا، نۇرغۇن سۇلارنىڭ شارقىرىشىغا، قاتتىق گۈلدۈرمامىلارنىڭ گۈلدۈرلىشىگە ئوخشاش بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ــ

7شادلىنايلى، تەنتەنە قىلايلى ۋە ئۇنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلايلى!

8قىزغا كىيىش ئۈچۈن پاكىز، پارقىراپ تۇرىدىغان نەپىس لىباس بېرىلدى (نەپىس لىباس بولسا مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ھەققانىي ئەمەللىرىدۇر).

9ئاندىن، پەرىشتە* ماڭا:

10مەن ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىلى ئايىغىغا يىقىلدىم. لېكىن ئۇ:

11ئاندىن كۆردۈمكى، ئاسمان ئېچىلدى ۋە مانا، بىر ئاق ئات تۇراتتى؛ ئۈستىگە مىنگۈچىنىڭ بولسا نامى «سادىق» ۋە «ھەقىقىي» بولۇپ، ئۇ ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ ۋە جەڭ قىلىدۇ. ◘ 19:11 ۋەھ. 6‏:2. *

12ئۇنىڭ كۆزلىرى ئوت يالقۇنىغا ئوخشايتتى، بېشىدا نۇرغۇن تاجى بولۇپ، تېنىدە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر نام پۈتۈكلۈك ئىدى. ◘ 19:12 ۋەھ. 1‏:14. *

13ئۇ ئۇچىسىغا قانغا مىلەنگەن بىر تون كىيگەنىدى، ئۇنىڭ نامى «خۇدانىڭ كالامى» دەپ ئاتىلىدۇ. ◘ 19:13 يەش. 63‏:1؛ يـۇھ. 1‏:1. *

14ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقان ئەرشتىكى قوشۇنلار بولسا، ئاق ئاتلارغا مىنگەن، ئاپئاق، پاك نەپىس كاناپ لىباس بىلەن كىيدۈرۈلگەنىدى. ◘ 19:14 مات. 28‏:3؛ ۋەھ. 4‏:4؛ 7‏:9. *

15ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى؛ ئۇ بۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەللەرنى ئۇرىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى تۆمۈر كالتەك بىلەن پادىچىدەك باقىدۇ؛ ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ دەھشەتلىك غەزىپىنىڭ «شاراب كۆلچىكى»نىڭ چەيلىگۈچىسىدۇر. ◼ 19:15 +bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»+bd* ــ «يەش.» 63-باب.* ◘ 19:15 زەب. 2‏:9؛ يەش. 63‏:3؛ ۋەھ. 2‏:16،27؛ 14‏:20،19؛ 19‏:21. *

16ئۇنىڭ تونى ۋە يوتىسى ئۈستىگە «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ۋە رەبلەرنىڭ رەببى» دېگەن نام يېزىلغانىدى. ◘ 19:16 1تىم. 6‏:15؛ ۋەھ. 17‏:14. *

17ئاندىن مەن قۇياشنىڭ ئىچىدە تۇرغان بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇۋاتقان بارلىق قۇشلارغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:

18پادىشاھلارنىڭ، سەردارلارنىڭ ۋە پالۋانلارنىڭ، ئاتلارنىڭ ۋە ئۇلارغا مىنگەنلەرنىڭ، شۇنداقلا بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ، قۇللارنىڭ ھەم ھۆرلەرنىڭ، كاتتىلارنىڭ ھەم تۆۋەنلەرنىڭ گۆشلىرىنى يەڭلار! ــ دېدى. ◼ 19:18 +bd «پالۋانلارنىڭ..»+bd* ــ ياكى «قۇدرەتلىكلەرنىڭ...».*

19شۇنىڭ بىلەن مەن دىۋە، يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئاتقا مىنگۈچى ھەم ئۇنىڭ قوشۇنى بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن توپلانغانلىقىنى كۆردۈم.

20ئەمدى دىۋە ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتكەن ساختا پەيغەمبەرنىڭ ھەر ئىككىسى تۇتۇۋېلىندى. (ساختا پەيغەمبەر شۇ ئالامەتلەر بىلەن دىۋىنىڭ تامغىسىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنى ئازدۇرۇپ يۈرگەنىدى). ئۇلار ئىككىسى گۈڭگۈرت يېنىۋاتقان ئوت كۆلىگە تىرىك تاشلاندى. ◘ 19:20 قان. 13‏:2؛ دان. 7‏:11؛ مات. 24‏:24؛ ۋەھ. 13‏:16،15،13،12؛ 16‏:14؛ 20‏:10. *

© 2010 Institute for Bible Translation
iv>