1ئاندىن، يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى زېمىننى كۆردۈم؛ چۈنكى بۇرۇنقى ئاسمان ۋە زېمىن ئۆتۈپ كەتكەنىدى، دېڭىزمۇ مەۋجۇت بولمىدى. ◘ 21:1 يەش. 65:17؛ 66:22؛ 2پېت. 3:13. *
2مۇقەددەس شەھەرنىڭ، يەنى خۇدادىن چىققان، خۇددى ئۆز يىگىتىگە توي پەردازلىرىنى قىلىپ ھازىرلانغان قىزدەك يېڭى يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقنى كۆردۈم. ◘ 21:2 ۋەھ. 3:12؛ 21:10. *
3ئەرشتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مانا، خۇدانىڭ ماكانى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىدۇر؛ ئۇ ئۇلار بىلەن بىللە ماكانلىشىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ خەلقى بولىدۇ. خۇدا ئۆزىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىدۇ. ◼ 21:3 +bd «شەرشتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋاز»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە: «تەختتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋاز» دېيىلىدۇ. +bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»+bd* ــ «يەش.» 14:7، «يەر.» 7:24، 33:31، «زەك.» 8:8.* ◘ 21:3 يەش. 14:7؛ يەر. 24:7؛ 33:31؛ ئەز. 43:7؛ زەك. 8:8*
4ئۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەر تامچە ياشنى سۈرتىدۇ؛ ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ، نە ماتەم، نە يىغا-زار، نە قايغۇ-ئەلەم بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇنقى ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى». ◼ 21:4 +bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەت»+bd* ــ «يەش.» 8:25.* ◘ 21:4 يەش. 25:8؛ ۋەھ. 7:17. *
5تەختتە ئولتۇرغۇچى:
6ئۇ يەنە ماڭا مۇنداق دېدى: ــ
7غەلىبە قىلغۇچى ھەركىم بۇلارغا مىراسخورلۇق قىلىدۇ؛ مەن ئۇنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولىدۇ. ◘ 21:7 زەك. 8:8؛ ئىبر. 8:10. *
8لېكىن قورقۇنچاقلار، ئېتىقادسىزلار، يىرگىنچلىكلەر، قاتىللار، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، سېھىرگەرلەر، بۇتپەرەسلەر ۋە بارلىق يالغانچىلارغا بولسا، ئۇلارنىڭ قىسمىتى ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېنىپ تۇرۇۋاتقان كۆلدۇر ــ بۇ بولسا ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر». ◘ 21:8 ۋەھ. 20:15،14؛ 22:15. *
9ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەت بىلەن تولغان يەتتە چىنىنى تۇتقان يەتتە پەرىشتىدىن بىرى كېلىپ، ماڭا سۆزلەپ:
10ئاندىن ئۇ مېنى روھنىڭ ئىلكىدە بولغان ھالدا يوغان ۋە ئېگىز بىر تاغقا ئېلىپ قويدى. ئۇ يەردىن ماڭا خۇدادىن چىققان مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ◼ 21:10 +bd «ئاندىن ئۇ مېنى روھنىڭ ئىلكىدە بولغان ھالدا يوغان ۋە ئېگىز بىر تاغقا ئېلىپ قويدى»+bd* ــ «روھ» مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 21:10 ئىبر. 12:22؛ ۋەھ. 1:10؛ 21:2. *
11ئۇنىڭدا خۇدانىڭ شان-شەرىپى بار ئىدى، ئۇنىڭ جۇلاسى ئىنتايىن قىممەتلىك گۆھەرنىڭ، يېشىل ياقۇتتەك يالتىرىغان خرۇستالنىڭ جۇلاسىغا ئوخشايتتى.
12ئۇنىڭ چوڭ ھەم ئېگىز سېپىلى بار ئىدى؛ سېپىلنىڭ ئون ئىككى دەرۋازىسى بولۇپ، دەرۋازىلاردا ئون ئىككى پەرىشتە تۇراتتى. ھەربىر دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىدىن بىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغانىدى.
13مەشرىق تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا، شىمال تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا، جەنۇب تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا ۋە مەغرىپ تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا بار ئىدى.
14شەھەرنىڭ سېپىلىنىڭ ئون ئىككى ئۇل تېشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئون ئىككى ئىسىم، يەنى قوزىنىڭ روسۇلىنىڭ ئىسىملىرى پۈتۈكلۈكتۇر. ◼ 21:14 +bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»+bd* ــ «ئەز.» 31:48-34.* ◘ 21:14 ئەز. 34-32:48؛ ئەف. 2:20. *
15ماڭا سۆز قىلغان پەرىشتىنىڭ قولىدا شەھەرنى، ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ۋە ئۇنىڭ سېپىلىنى ئۆلچەيدىغان ئالتۇن قومۇش ئۆلچىگۈچ ھاسا بار ئىدى. ◘ 21:15 ئەز. 40:3؛ زەك. 1:18. *
16شەھەر تۆت چاسا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىكى ئوخشاش ئىدى. پەرىشتە شەھەرنى ھاسا بىلەن ئۆلچىدى ــ ئون ئىككى مىڭ ستادىيون كەلدى (ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى تەڭدۇر). ◼ 21:16 +bd «ئون ئىككى مىڭ ستادىيون»+bd* ــ بىر ستادىيون 185 مېتر بولۇپ، بۇ 2200 كىلومېتردۇر.*
17ئۇ سېپىلنىمۇ ئۆلچىدى. سېپىلنىڭ قېلىنلىقى* ئىنسانلارنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە، يەنى شۇ پەرىشتىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە بىر يۈز قىرىق تۆت جەينەك كەلدى. ◼ 21:17 +bd «سېپىلنىڭ قېلىنلىقى ئىنسانلارنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە، يەنى شۇ پەرىشتىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە بىر يۈز قىرىق تۆت جەينەك كەلدى»+bd* ــ «جەينەك» بولسا (ياكى «گەز») جەينەكتىن قولىنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىق، يەنى يېرىم مېتر؛ دېمەك، سېپىلنىڭ قېلىنلىقى 65 مېترچە ئىدى.*
18سېپىلنىڭ قۇرۇلۇشى بولسا يېشىل ياقۇتتىن، شەھەر ئەينەكتەك سۈزۈك ساپ ئالتۇندىن بىنا قىلىنغانىدى.
19شەھەر سېپىلىنىڭ ئۇللىرى ھەرخىل قىممەتلىك ياقۇتلار بىلەن بېزەلگەنىدى. بىرىنچى ئۇل تاش يېشىل ياقۇت، ئىككىنچىسى كۆك ياقۇت، ئۈچىنچىسى ھېقىق، تۆتىنچىسى زۇمرەت،
20بەشىنچىسى قىزىل ھېقىق، ئالتىنچىسى قىزىل قاشتاش، يەتتىنچىسى سېرىق كۋارتس، سەككىزىنچىسى سۇس يېشىل ياقۇت، توققۇزىنچىسى توپاز، ئونىنچىسى يېشىل كۋارتس، ئون بىرىنچىسى سۆسۈن ياقۇت ۋە ئون ئىككىنچىسى پىروزا ئىدى. ◼ 21:20 +bd «قىزىل ھېقىق»+bd* ــ ياكى «ساردونىكس». +bd «قىزىل قاشتاش»+bd* ــ ياكى «ساردىئۇس»، ياكى «پارقىراق قىزىل قاشتېشى». +bd «سېرىق كۋارتس»+bd* ــ ياكى «خرىزولىت»، «پېرىدوت». +bd «سۇس يېشىل ياقۇت»+bd* ــ ياكى «بېرىل». +bd «توپاز»+bd* ــ «توپاز» بولسا سېرىق رەڭلىك بىر ياقۇت. +bd «يېشىل كۋارتس»+bd* ــ ياكى «خرىزوپراس». +bd «پىروزا»+bd* ــ ياكى «ئامېتىست».*
21ئون ئىككى دەرۋازا ئون ئىككى مەرۋايىت ئىدى، دېمەك دەرۋازىلارنىڭ ھەربىرى بىردىن مەرۋايىتتىن ياسالغانىدى. شەھەرنىڭ غول يولى ئەينەكتەك سۈزۈك ساپ ئالتۇندىن ئىدى.
22شەھەردە ھېچقانداق ئىبادەتخانا كۆرمىدىم، چۈنكى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا ۋە قوزا ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدۇر.
23شەھەرنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇياشقا ياكى ئايغا موھتاج ئەمەس، چۈنكى خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئۇنى يورۇتقانىدى، ئۇنىڭ چىرىغى بولسا قوزىدۇر. ◘ 21:23 يەش. 60:19؛ زەك. 14:7. *
24ئەللەر شەھەردىكى يورۇقلۇقتا يۈرىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار شانۇ-شەۋكىتىنى ئۇنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كېلىدۇ. ◼ 21:24 +bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»+bd* ــ «يەش.» 19:60-20، «زەك.» 22:8.* ◘ 21:24 يەش. 60:3، 20-19؛ زەك. 22:8*
25ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى كۈندۈزدە ھەرگىز تاقالمايدۇ (ئەمەلىيەتتە ئۇ يەردە كېچە زادى بولمايدۇ). ◘ 21:25 يەش. 60:11؛ ۋەھ. 22:5. *
26ھەرقايسى ئەللەرنىڭ شانۇ-شەۋكىتى ۋە ھۆرمەت-ئىززىتى ئۇنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كېلىنىدۇ. ◼ 21:26 +bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»+bd* ــ «يەش.» 5:60-7، «ھاگ.» 7:2.* ◘ 21:26 يەش. 7-5:60؛ ھاگ. 7:2*