ۋەھىي 22:1-21 UIGB2010 - Bible AI

1ئاندىن پەرىشتە* ماڭا خرۇستالدەك پارقىراق ھاياتلىق سۈيى ئېقىۋاتقان دەريانى كۆرسەتتى. دەريا خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختىدىن چىققان بولۇپ، ◼ 22:1 +bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»+bd* ــ «زەب.» 38:36، 4:46، «ئەز.» 1:47-9، «زەك.» 8:14.* ◘ 22:1 زەب. 36:38؛ ئ‍ەز. 47‏:9-1؛ زەك. 14‏:8. *

2شەھەرنىڭ غول يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېقىۋاتقانىدى. دەريانىڭ بۇ تەرىپىدە ۋە ئۇ تەرىپىدىمۇ ئون ئىككى خىل مېۋە بېرىدىغان، ھەر ئايدا مېۋىلەيدىغان ھاياتلىق دەرىخى بار ئىدى؛ دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى ئەللەرنىڭ شىپاسى ئۈچۈن ئىدى. ◼ 22:2 +bd «ئون ئىككى خىل مېۋە بېرىدىغان، ھەر ئايدا مېۋىلەيدىغان ھاياتلىق دەرىخى»+bd* ــ ياكى «ئون ئىككى قېتىم مېۋىگە كىرىدىغان، ھەر ئايدا مېۋىلەيدىغان ھاياتلىق دەرىخى».* ◘ 22:2 ۋەھ. 2‏:7. *

3لەنەت دېگەن ئەمدى بولمايدۇ؛ خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختى شەھەرنىڭ ئىچىدە بولۇپ، ئۇنىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ خىزمەت-ئىبادىتىدە بولىدۇ.

4ئۇلار ئۇنىڭ جامالىنى كۆرىدۇ؛ ئۇنىڭ نامى ئۇلارنىڭ پېشانىلىرىگە پۈتۈكلۈك بولىدۇ. ◘ 22:4 ۋەھ. 3‏:12. *

5ئۇ يەردە ئەسلا كېچە بولمايدۇ، نە چىراغ نۇرىغا، نە قۇياش نۇرىغا موھتاج بولمايدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يورىدۇ، ئۇلار ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ. ◘ 22:5 يەش. 60‏:19؛ زەك. 14‏:7؛ ۋەھ. 21‏:23. *

6پەرىشتە ماڭا:

7(«مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى تۇتقۇچى كىشى بەختلىكتۇر!») ◼ 22:7 +bd «مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى تۇتقۇچى كىشى بەختلىكتۇر!»+bd* ــ بۇ سۆزلەر رەب ئەيسانىڭ، ئەلۋەتتە.* ◘ 22:7 ۋەھ. 1‏:3. *

8بۇلارنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى مەن يۇھاننامەن. بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغىنىمدا ۋە كۆرگىنىمدە، بۇلارنى ماڭا كۆرسەتكەن پەرىشتىگە سەجدە قىلغىلى ئايىغى ئالدىغا يىقىلدىم.

9لېكىن ئۇ ماڭا:

10ئۇ ماڭا يەنە:

11قەبىھلىك قىلغۇچى كىشى قەبىھلىكنى قىلىۋەرسۇن؛ پەسكەش كىشى بولسا پەسكەشلىكتە تۇرىۋەرسۇن؛ ھەققانىي كىشى بولسا ھەققانىيلىقىنى يۈرگۈزۈۋەرسۇن؛ پاك-مۇقەددەس كىشى بولسا پاك-مۇقەددەسلىكتە تۇرىۋەرسۇن، ــ دېدى.

12«مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ بېرىدىغىنىمنى ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىمەن. ◼ 22:12 +bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»+bd* ــ «يەش.» 10:40، 11:62.* ◘ 22:12 زەب. 62‏:12؛ يەش. 40‏:10؛ 62‏:11؛ يەر. 17‏:10؛ 32‏:19؛ مات. 16‏:27؛ رىم. 2‏:6؛ 14‏:12؛ 1كور. 3‏:8؛ 2كور. 5‏:10؛ گال. 6‏:5؛ ۋەھ. 2‏:23. *

13مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»، بىرىنچى ۋە ئاخىرقى، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن». ◼ 22:13 +bd «مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئالفا» بىرىنچى ھەرپ، «ئومېگا» ئاخىرقى ھەرپتۇر. دېمەك، ئەيسا مەسىھ باش ۋە ئاخىردۇر.* ◘ 22:13 يەش. 41‏:4؛ 44‏:6؛ 48‏:12؛ ۋەھ. 1‏:8؛ 21‏:6. *

14ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىسىدىن نېسىپ بولۇش ۋە دەرۋازىلىرىدىن شەھەرگە كىرىشكە مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن تونلىرىنى يۇغانلار بەختلىكتۇر!

15شەھەرنىڭ سىرتىدىكىلەر ــ ئىتلار، سېھىرگەرلەر، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، قاتىللار، بۇتپەرەسلەر، يالغانچىلىققا خۇشتار بولغانلار ۋە ئەمەل قىلغۇچىلاردۇر. ◘ 22:15 1كور. 6‏:10؛ ئ‍ەف. 5‏:5؛ كول. 3‏:5، 6. *

16«مەنكى ئەيسا جامائەتلەرنى دەپ سىلەرگە بۇ ئىشلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەرىشتەمنى ئەۋەتتىم. داۋۇتنىڭ يىلتىزى ھەم نەسلى، پارلاق تاڭ يۇلتۇزىدۇرمەن!» ◘ 22:16 يەش. 11‏:10؛ رىم. 15‏:12؛ 2پېت. 1‏:19؛ ۋەھ. 1‏:1؛ 5‏:5. *

17روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز: «كەل!» دەيدۇ.

18مەنكى بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئاگاھلاندۇرىمەنكى: كىمدىكىم بۇ سۆزلەرگە بىرنېمىنى قوشسا، خۇدا ئۇنىڭغا بۇ كىتابتا يېزىلغان بالايىئاپەتلەرنى قوشىدۇ. ◼ 22:18 +bd «مەنكى بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئاگاھلاندۇرىمەنكى»+bd* ــ «مەنكى» دېگەن سۆز بەزى ئالىملار، 18-19-ئايەتتىكى سۆزلەرنى روسۇل يۇھاننانىڭكى دەپ قارايدۇ. بىراق يۇھاننا ئۆزىنى بىۋاسىتە كۆرسەتمىگەچكە (9:1نى كۆرۈڭ)، شۇنداقلا 20-ئايەتتە رەب ئۆزى ئېنىق كۆرسىتىلگەچكە بىز سۆزلەرنى رەبنىڭكى، دېگەن پىكىرگە مايىلمىز.*

19كىمدىكىم بۇ بېشارەتلىك كىتابنىڭ سۆزلىرىدىن بىرەر سۆزنى ئېلىپ تاشلىسا، خۇدامۇ ئۇنىڭدىن بۇ كىتابتا يېزىلغان ھاياتلىق دەرىخىدىن ۋە مۇقەددەس شەھەردىن بولىدىغان نېسىۋىسىنى ئېلىپ تاشلايدۇ. ◘ 22:19 قان. 4‏:2؛ 12‏:32؛ پەند. 30‏:6؛ ۋەھ. 13‏:8؛ 17‏:8. *

20ــ مانا، بۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بەرگۈچى بولسا مۇنداق دەيدۇ:

21رەب ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن بىللە بولغاي، ئامىن!

© 2010 Institute for Bible Translation
iv>