ۋەھىي 3:1-21 UIGB2010 - Bible AI

1ــ ساردىستىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ

2شۇڭا، ئويغان، سېنىڭدە بار بولغان، ئەمما ئۆلەي دەپ قالغان خىسلەتلىرىڭنى* كۈچەيت؛ چۈنكى خۇدايىم ئالدىدا ئەمەللىرىڭنىڭ تۈگەل ئەمەسلىكىنى بىلدىم.

3ئۇنىڭ ئۈچۈن سۆز-كالامنى* قانداق قوبۇل قىلىپ ئاڭلىغىنىڭنى يادىڭغا كەلتۈرۈپ، ئۇنى چىڭ تۇتۇپ توۋا قىلغىن. لېكىن ئويغانمىساڭ مەن ئوغرىدەك ئۈستۈڭكە كېلىمەن ۋە سەن قايسى سائەتتە ئۈستۈڭگە كېلىدىغىنىمنى ھەرگىز بىلمەيسەن. ◼ 3:3 +bd « لېكىن ئويغانمىساڭ مەن ئوغرىدەك ئۈستۈڭگە كېلىمەن ۋە سەن قايسى سائەتتە ئۈستۈڭگە كېلىدىغىنىمنى ھەرگىز بىلمەيسەن»+bd* ــ «ئوغرىدەك كېلىمەن...»: بىر قېتىم ساردىس شەھىرى دۈشمەننىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا تۇرۇۋاتقاندا «سېپىل-ئىستىھكامىمىز ھېچ بۆسۈلمەس» دەپ خاتىرجەملىكتە ئۇخلاۋاتقاندا دۈشمەن «ئوغرىدەك» كىرىپ ئۇنى ئىشغال قىلغان.* ◘ 3:3 مات. 24‏:43؛ 1تېس. 5‏:2؛ 2پېت. 3‏:10؛ ۋەھ. 3‏:19؛ 16‏:15. *

4لېكىن ساردىستا ئۆز كىيىملىرىگە داغ تەگكۈزمىگەن بىرنەچچە شەخس بار. ئۇلار ئاق كىيىم كىيىپ مەن بىلەن بىللە ماڭىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇنىڭغا لايىقتۇر. ◼ 3:4 +bd «لېكىن ساردىستا ئۆز كىيىملىرىگە داغ تەگكۈزمىگەن بىرنەچچە شەخس بار»+bd* ــ «كىيىملىرىگە داغ تەگكۈزمىگەن» دېگەن ئىبارە كۆچمە مەنىدە، ئەخلاقنى كۆرسىتىدۇ. +bd «...بىرنەچچە شەخس بار»+bd* ــ گرېك تىلىدا «... بىرنەچچە ناملار بار».*

5غەلىبە قىلغۇچىلار مانا شۇنداق ئاق كىيىملەرنى كىيىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ نامىنى ھاياتلىق دەپتىرىدىن ھەرگىز ئۆچۈرمەيمەن، بەلكى ئۇلارنىڭ نامىنى ئاتام خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئالدىدا ئوچۇق ئېتىراپ قىلىمەن. ◘ 3:5 مىس. 32‏:32؛ زەب. 69‏:28؛ مات. 10‏:32؛ لۇقا 12‏:8؛ فىل. 4‏:3؛ ۋەھ. 20‏:12؛ 21‏:27. *

6قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!»

7ــ فىلادېلفىيەدىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ

8ــ سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى بىلىمەن. سېنىڭ بىرئاز كۈچۈڭ بولغاچ سۆز-كالامىمغا ئىتائەت قىلغىنىڭ ۋە نامىمدىن تېنىپ كەتمىگىنىڭ ئۈچۈن، ئالدىڭدا ھېچكىم ياپالمايدىغان بىر ئىشىكنى ئېچىپ قويدۇم. ◼ 3:8 +bd «سېنىڭ بىرئاز كۈچۈڭ بولغاچ...»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «كۈچۈڭ ئاجىز بولسىمۇ،...».*

9مانا، شەيتاننىڭ سىناگوگىدىكىلەردىن، يەھۇدىي ئەمەس تۇرۇپ ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەپ ئاتىۋالغان يالغانچىلارنى بولسا شۇنداق ئاقىۋەتكە قالدۇرىمەنكى، ئۇلارنى كېلىپ سېنىڭ ئايىغىڭغا باش ئۇرىدىغان ۋە مېنىڭ سېنى سۆيگەنلىكىمنى بىلىدىغان قىلىمەن. ◼ 3:9 +bd «شەيتاننىڭ سىناگوگىدىكىلەردىن، يەھۇدىي ئەمەس تۇرۇپ ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەپ ئاتىۋالغان يالغانچىلار...»+bd* ــ 9:2دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.* ◘ 3:9 ۋەھ. 2‏:9؛ پەند. 19:14*

10سەن مېنىڭ سەۋر-تاقەت يولۇمدىكى سۆز-كالامىمنى ساقلاپ ئەمەل قىلىشىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سىناشقا پۈتكۈل يەر يۈزىگە چۈشىدىغان ۋابالىق سىناقنىڭ ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە سېنى ئۇنىڭدىن ساقلاپ قوغداپ قالىمەن. ◼ 3:10 +bd «مېنىڭ سەۋر-تاقىتىمدىكى سۆز-كالامنى ساقلاپ ئەمەل قىلىشىڭ ئۈچۈن...»+bd* ــ «مېنىڭ سەۋر-تاقەت يولۇمدىكى سۆز-كالامىم» (1) ياكى خۇش خەۋەرنىڭ ئۆزىنى (چۈنكى ئۇنى چىڭ تۇتۇپ ساقلاش ئۈچۈن ھەرھالدا كۆپ سەۋر-تاقەت كېرەك)؛ (2) ياكى مەسىھنىڭ ئالاھىدە سەۋر-تاقەتلىك بولۇش ئەمرلىرىنى؛ (3) ياكى خۇدانىڭ پۈتكۈل سۆز-كالامىنى كۆرسىتىدۇ (ئۇنىمۇ چىڭ تۇتۇشقا ئاجايىب سەۋر-تاقەت بولۇش كېرەك). بىزنىڭچە بۇ سۆز يۇقىرىقى ئۈچ جەھەتنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىھنىڭ ئۆزىنىڭ سەۋر-تاقىتى بىزگە بولمىسا، بىز «سەۋر-تاقىتىمدىكى سۆز-كالام»نى ھېچ تۇتالمايمىز، ئەلۋەتتە. +bd «پۈتكۈل يەر يۈزىگە چۈشۈرۈلىدىغان سىناق ۋاقىت-سائىتى»+bd* ــ (1) ياكى ئىمپېراتور تراجان يۈرگۈزگەن زىيانكەشلەرنى، (2)ياكى تارىختىكى بىزگە ھازىر نامەلۇم باشقا بىر مەزگىلنى، (3) ياكى كەلگۈسىدىكى «دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەت»نى كۆرسىتىدۇ (مەسىلەن «مات.» 9:24-22). +bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»+bd* ــ «يەش.» 20:26-21.* ◘ 3:10 يەش. 21-20:26*

11مەن پات ئارىدا كېلىمەن. تاجىڭنى ھېچكىمنىڭ تارتىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ئۆزۈڭدە بار بولغاننى چىڭ تۇتقىن. ◘ 3:11 ۋەھ. 2‏:25. *

12غەلىبە قىلغۇچىنى بولسا، خۇدايىمنىڭ ئىبادەتخانىسىغا تۈۋرۈك قىلىمەنكى، ئۇ ئۇ يەردىن ئەسلا چىقمايدۇ. مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇدايىمنىڭ نامىنى، خۇدايىمنىڭ شەھىرىنىڭ نامىنى، يەنى ئەرشتىن ــ خۇدانىڭ يېنىدىن چۈشىدىغان يېڭى يېرۇسالېمنىڭ نامىنى ۋە مېنىڭ يېڭى نامىمنى يازىمەن. ◘ 3:12 1پاد. 7‏:21؛ ۋەھ. 21‏:10،2؛ 22‏:4. *

13قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!»

14ــ لائودىكىيادىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ

15سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى بىلىمەنكى، سەن سوغۇقمۇ ئەمەس، قىزىقمۇ ئەمەس. مەن سېنىڭ يا سوغۇق، يا قىزىق بولۇشۇڭنى خالايتتىم! ◼ 3:15 +bd «سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى بىلىمەنكى، سەن سوغۇقمۇ ئەمەس، قىزىقمۇ ئەمەس. مەن سېنىڭ يا سوغۇق، يا قىزىق بولۇشۇڭنى خالايتتىم!»+bd* ــ لائودىكىيا شەھىرىدە ياخشى سۇ مەنبىسى يوق ئىدى. ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىنئىسسىق سۇ (تۇرۇبا ئارقىلىق) يەتكۈزۈلسە ئىلمان بولۇپ قالاتتى؛ سوغۇق سۇ يەتكۈزۈلسىمۇ سوغۇق ئەمەس، بەلكى ئىلمان بولۇپ قالاتتى؛ ئۇلار ئۆزلىرى بۇ ئىلمان سۇنى ياخشى كۆرمەيتتى.*

16سەن يا سوغۇق يا قىزىق ئەمەس، بەلكى ئىلمان بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى ئاغزىمدىن ھۆ قىلىمەن.

17سەن باي ئادەممەن، دۆلەتمەن بولدۇم، ھېچ نەرسىگە ھاجەتمەن ئەمەسمەن دېگىنىڭ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ غېرىب، بىچارە، يوقسۇل، كور ۋە يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى بىلمىگەچكە،

18باي بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئوتتا تاۋلانغان ئالتۇن، يالىڭاچلىق نومۇسلۇقۇڭنىڭ يېپىلىشى ئۈچۈن كىيگۈزۈلۈشۈڭگە ئاق كىيىم-كېچەك، كۆرۈشۈڭ ئۈچۈن كۆزلىرىڭگە سۈرتۈشكە تۇتىيانى مەندىن سېتىۋېلىشىڭنى نەسىھەت قىلىمەن. ◼ 3:18 +bd «كۆرۈشۈڭ ئۈچۈن كۆزلىرىڭگە سۈرتۈشكە تۇتىيانى مەندىن سېتىۋېلىشىڭنى نەسىھەت قىلىمەن»+bd* ــ «كۆزلىرىڭگە سۈرتۈش تۇتىيا» گرېك تىلىدا «كۆزلىرىڭنى مەسىھلەيدىغان تۇتىيا...» ياكى «كۆزلىرىڭنى مەسىھ قىلىدىغان تۇتىيا...». +bd «باي بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئوتتا تاۋلانغان ئالتۇن، يالىڭاچلىق نومۇسلۇقۇڭنىڭ يېپىلىشى ئۈچۈن كىيگۈزۈلۈشۈڭگە ئاق كىيىم-كېچەك، كۆرۈشۈڭ ئۈچۈن كۆزلىرىڭگە سۈرتۈشكە تۇتىيانى مەندىن سېتىۋېلىشىڭنى نەسىھەت قىلىمەن»+bd* ــ لائودىكىيا شەھىرى ئەسلىدە: (1) ئىنتايىن باي. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن بانكىلىرى بار ئىدى. باي ئىكەنلىكىنىڭ بىر مىسالى، مىلادىيە 17-يىلى قاتتىق يەر تەۋرەش تۈپەيلىدىن فىلادەلفىيە، ساردىس ۋە لائودىكىيا شەھەرلىرى ئىنتايىن ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغاچقا رىم ھۆكۈمىتى ئۇلارغا نۇرغۇن ياردەم پۇل ئەۋەتتى. لائودىكىيا شەھىرىدىكىلەر پۇلىمىز بار دەپ بۇ پۇلنى رەت قىلدى؛ (2) ئۇلارنىڭ چىرايلىق يۇڭلۇق كىيىم-كېچەك ئىشلەش بىلەن داڭقى چىققان؛ (3) ئۇلارنىڭ ئۈنۈملۈك بىرخىل كۆز مەلھىمىنىڭمۇ داڭقى چىققانىدى.* ◘ 3:18 2كور. 5‏:3؛ ۋەھ. 7‏:13؛ 16‏:15؛ 19‏:8. *

19مەن كىمنى سۆيسەم، شۇنىڭ ئەيىبىنى كۆرسىتىپ تەربىيىلەيمەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن قىزغىن كۆيۈپ-پىشىپ توۋا قىل. ◘ 3:19 ئايۇپ 5‏:17؛ پەند. 3‏:12؛ ئىبر. 12‏:5. *

20مانا، مەن ھازىر ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ، ئىشىكنى قېقىۋاتىمەن. ئەگەر بىرى ئاۋازىمنى ئاڭلاپ ئىشىكنى ئاچسا، ئۇنىڭ يېنىغا كىرىمەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن، ئۇمۇ مەن بىلەن بىللە غىزالىنىدۇ. ◼ 3:20 +bd «ئەگەر بىرى ئاۋازىمنى ئاڭلاپ ئىشىكنى ئاچسا، ئۇنىڭ يېنىغا كىرىمەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن، ئۇمۇ مەن بىلەن بىللە غىزالىنىدۇ»+bd* ــ گرېك تىلىدا «غىزالىنىش» دېگەن سۆز ئادەتتە كەچلىك تاماقنى كۆرسىتىدۇ.*

21غەلىبە قىلغۇچىنى بولسا، مەنمۇ غەلىبە قىلىپ، ئاتامنىڭ تەختىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئولتۇرغىنىمدەك، ئۇنىمۇ تەختىمدە مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلىمەن. ◘ 3:21 مات. 19‏:28؛ 1كور. 6‏:2. *

© 2010 Institute for Bible Translation
v>