ۋەھىي 4:1-10 UIGB2010 - Bible AI

1ئاندىن مەن قارىۋىدىم، مانا، ئاسماندا بىر ئىشىك ئېچىقلىق تۇراتتى. مەن تۇنجى قېتىم ئاڭلىغان كاناي ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئاۋاز ماڭا: «بۇ ياققا چىق، ساڭا بۇلاردىن كېيىن يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئىشلارنى كۆرسىتەي» دېدى

2ۋە دەرھال مەن روھنىڭ ئىلكىدە بولدۇم؛ مانا، ئەرشتە بىر تەخت، تەختتە بىر زات ئولتۇراتتى. ◼ 4:2 +bd «دەرھال مەن روھنىڭ ئىلكىدە بولدۇم»+bd* ــ «روھنىڭ ئىلكىدە» گرېك تىلدا «روھتا». دېمەك، مۇقەددەس روھنىڭ ئىلكىدە ۋە ئىلھامى ئاستىدا بولغان.*

3تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ قىياپىتى يېشىل قاشتاش ۋە قىزىل كۋارتسقا ئوخشايتتى. تەختنىڭ چۆرىسىنى زۇمرەتتەك بىر ھەسەن-ھۈسەن ئوراپ تۇراتتى. ◼ 4:3 +bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»+bd* ــ «ئەز.» 26:1-28.* ◘ 4:3 ئەز. 28-26:1*

4تەختنىڭ ئەتراپىدا يەنە يىگىرمە تۆت تەخت بار ئىدى. تەختلەردە ئاق كىيىملەر بىلەن كىيىنگەن، باشلىرىغا ئالتۇن تاج تاقالغان يىگىرمە تۆت ئاقساقال ئولتۇراتتى. ◼ 4:4 +bd «تەختلەردە ئاق كىيىملەر بىلەن كىيىنگەن، باشلىرىغا ئالتۇن تاج تاقالغان يىگىرمە تۆت ئاقساقال ئولتۇراتتى»+bd* ــ «ئاقساقاللار» كىملەر؟ ئالىملارنىڭ پىكرى: (1) ياكى ئۇلار مەسىھنىڭ جامائىتىنى بىلدۈرىدۇ؛ (2) ياكى تەۋرات دەۋرىدىكى ئېتىقادى بىلەن يول باشلىغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ. بىز (2)-پىكىرگە مايىلمىز، چۈنكى كېيىنكى بابلاردا جامائەت ئاقساقاللاردىن ئايرىم كۆرۈنىدۇ (9:7-17، 1:19-10). «ئىبر.» 11-باب، بولۇپمۇ -22-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ.*

5تەختتىن چاقماقلار چېقىپ، تۈرلۈك ئاۋازلار ۋە گۈلدۈرمامىلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. تەختنىڭ ئالدىدا يالقۇنلاپ تۇرغان يەتتە مەشئەل كۆيۈپ تۇراتتى؛ بۇلار خۇدانىڭ يەتتە روھى ئىدى. ◼ 4:5 +bd «تەختنىڭ ئالدىدا يالقۇنلاپ تۇرغان يەتتە مەشئەل كۆيۈپ تۇراتتى؛ بۇلار خۇدانىڭ يەتتە روھى ئىدى»+bd* ــ بەزى ئالىملار بۇ يەتتە روھ يەتتە پەرىشتىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ، باشقىلار خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ يەتتە تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ (5:6نى ۋە «يەش.» 2:11نى كۆرۈڭ). +bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»+bd* ــ «مىس.» 16:19، «زەك.» 9:3، 10:4.* ◘ 4:5 مىس. 16:19؛ زەك. 9:3، 10:4*

6تەختنىڭ ئالدى خۇددى خرۇستالدەك پارقىراپ تۇرىدىغان، سۈزۈك ئەينەك دېڭىزدەك ئىدى. تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋە تەختنىڭ چۆرىسىدە، ئالدى ۋە كەينى كۆزلەر بىلەن تولغان تۆت ھايات مەخلۇق تۇراتتى. ◼ 4:6 +bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»+bd* ــ «ئەز.» 4:1-28.* ◘ 4:6 ئەز. 28-4:1؛ ۋەھ. 15‏:2*

7بىرىنچى مەخلۇق شىرغا، ئىككىنچى مەخلۇق بۇقىغا ئوخشايتتى. ئۈچىنچى مەخلۇقنىڭ يۈزى ئادەمنىڭ چىرايىغا ئوخشايتتى. تۆتىنچى مەخلۇق پەرۋاز قىلىۋاتقان بۈركۈتكە ئوخشايتتى.

8تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتىدىن قانىتى بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ چۆرىسى ھەتتا ئىچ تەرىپىمۇ كۆزلەر بىلەن تولغانىدى؛ ئۇلار كېچە-كۈندۈز توختىماي: ــ

9ھايات مەخلۇقلار تەختتە ئولتۇرغان ئەبەدىلئەبەد ھايات بولغۇچىنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت-شەۋكەت ۋە تەشەككۈر ئىزھار قىلغىنىدا،

10يىگىرمە تۆت ئاقساقال تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ ئەبەدىلئەبەد ھايات بولغۇچىغا باش قويۇپ سەجدە قىلاتتى، تاجلىرىنى تەختنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويۇپ، مۇنداق دېيىشەتتى: ــ

© 2010 Institute for Bible Translation
v>