ۋەھىي 6:1-16 UIGB2010 - Bible AI

1ئاندىن قوزا يەتتە پېچەتنىڭ بىرىنى ئاچقاندا، مەن قاراپ تۇردۇم. تۆت ھايات مەخلۇقتىن بىرىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋاز بىلەن: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. ◼ 6:1 +bd «تۆت ھايات مەخلۇقتىن بىرىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋاز بىلەن: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم»+bd* ــ «كەل!» دېگەن سۆز بەلكىم -2-8ئايەتلەردە كۆرۈنگەن ئاتلىقلارنىڭ ھەربىرىگە چىقىرىلغان بۇيرۇق بولسا كېرەك (3-، 5-، 7-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).

2كۆردۈمكى، مانا بىر ئاق ئات كەلدى! ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر ئوق-يا بار ئىدى؛ ئۇنىڭغا بىر تاج بېرىلدى. ئۇ غەلىبە قىلغۇچى سۈپىتىدە زەپەر قۇچۇش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلاندى. ◼ 6:2 +bd «ئۇنىڭغا بىر تاج بېرىلدى»+bd* ــ «تاج» دېگەن بۇ سۆز پادىشاھنىڭكى ئەمەس، بەلكى جەڭ-ئۇرۇشلاردا ياكى ئېلىشىش مۇسابىقىلىرىدا غالىبلارغا بېرىلىدىغان، بىرخىل نەپىس چەمبىرەكنى كۆرسىتىدۇ. +bd «كۆردۈمكى، مانا بىر ئاق ئات كەلدى! ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر ئوق-يا بار ئىدى... ئۇ غەلىبە قىلغۇچى سۈپىتىدە زەپەر قۇچۇش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلاندى»+bd* ــ «ئاق ئاتقا مىنگۈچى»نىڭ سالاھىيىتى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.

3قوزا ئىككىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئىككىنچى ھايات مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم.

4يەنە بىر ئات ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇنىڭ رەڭگى قىپقىزىل ئىدى. ئاتقا مىنگۈچىگە يەر يۈزىدىكى تىنچلىقنى ئېلىپ كېتىش ۋە ئىنسانلارنى ئۆزئارا قىرغىنچىلىققا سېلىش ھوقۇقى بېرىلدى. ئۇنىڭغا يەنە چوڭ بىر قىلىچ بېرىلدى.

5قوزا ئۈچىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئۈچىنچى ھايات مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. مەن كۆردۈمكى، مانا بىر قارا ئات كەلدى. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر تارازا بار ئىدى.

6تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ئارىسىدىن: ــ

7قوزا تۆتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، تۆتىنچى ھايات مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم.

8كۆردۈمكى، مانا بىر تاتىراڭ ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئىسمى «ئۆلۈم» ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن تەھتىسارا ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلارغا يەر يۈزىنىڭ تۆتتىن بىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، قىلىچ، ئاچارچىلىق، ۋابا ۋە يەر يۈزىدىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار ئارقىلىق ئادەمنى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى بېرىلدى. ◼ 6:8 +bd «قىلىپ، قىلىچ، ئاچارچىلىق، ۋابا ۋە يەر يۈزىدىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار ئارقىلىق...»+bd* ــ «ۋابا» گرېك تىلىدا «ئۆلۈم».*

9قوزا بەشىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، خۇدانىڭ سۆز-كالامى ئۈچۈن ۋە ئىزچىل گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ۋەجىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جانلىرىنى قۇربانگاھنىڭ تېگىدە كۆردۈم. ◘ 6:9 ۋەھ. 19‏:10؛ 20‏:4. *

10ئۇلار قاتتىق ئاۋاز بىلەن نىدا سېلىشىپ:

11ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ئاق تون بېرىلدى. ئۇلارغا، ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش ئۆلتۈرۈلىدىغان قۇل-بۇرادەرلىرىڭلار ھەم قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ سانى توشقۇچە ئازغىنە ۋاقىت ئارام ئېلىشىڭلار كېرەك، دەپ ئېيتىلدى.

12ئاندىن مەن قوزا ئالتىنچى پېچەتنى ئاچقىنىدا كۆردۈمكى، مانا دەھشەتلىك بىر يەر تەۋرەش يۈز بەردى، قۇياش بەئەينى قارا يۇڭدىن توقۇلغان بۆزدەك قاپقارا رەڭگە، تولۇن ئاي بولسا قاننىڭ رەڭگىگە كىردى. ◼ 6:12 +bd «ئاندىن مەن قوزا ئالتىنچى پېچەتنى ئاچقىنىدا كۆردۈم...»+bd* ــ «يەتتە پېچەت» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.* ◘ 6:12 يو. 2‏:10، 31؛ 3‏:15؛ يەش.13‏:10؛ 24‏:23؛ ئام. 8‏:9؛ مات. 24‏:29؛ روس. 2‏:20.*

13ئەنجۈر دەرىخىنىڭ قاتتىق بوراندا سىلكىنىشىدىن ئەنجۈر غورىلىرى يەرگە تۆكۈلگەندەك، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارمۇ يەر يۈزىگە تۆكۈلدى.

14ئاسمان خۇددى ئورام يازمىنىڭ تۈرۈلگىنىدەك غايىب بولدى، ھەربىر تاغ ۋە ئارال ئورنىدىن يۆتكەلدى؛ ◼ 6:14 +bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەت»+bd* ــ «يەش.» 4:34.* ◘ 6:14 يەش. 4:34*

15ھەمدە دۇنيادىكى پادىشاھلار، مۆتىۋەرلەر، سەردارلار، بايلار، كۈچلۈكلەر، قۇللار ۋە ھۆرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆڭكۈرلەرگە ۋە تاغلارنىڭ كامارلىرىغا يوشۇرۇندى. ◼ 6:15 +bd «سەردارلار»+bd* ــ گرېك تىلىدا «مىڭبېشىلار». +bd «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر»+bd* ــ «يەش.» 21:2.* ◘ 6:15 يەش. 21:2*

16ئۇلار تاغلارغا ۋە قورام تاشلارغا مۇنداق دەپ جار سالدى: ــ

© 2010 Institute for Bible Translation
v>