ۋەھىي 9:1-20 UIGB2010 - Bible AI

1بەشىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ مەن ئاسماندىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بىر يۇلتۇزنى كۆردۈم. تېگى يوق ھاڭغا بارىدىغان قۇدۇقنىڭ ئاچقۇچى ئۇنىڭغا بېرىلدى، ◘ 9:1 لۇقا 8‏:31؛ ۋەھ. 17‏:8. *

2ئۇ تېگى يوق ھاڭنىڭ قۇدۇقىنى ئاچتى. قۇدۇقتىن يوغان خۇمداننىڭ ئىسىدەك تۈتۈن ئۆرلەپ چىقتى. ھاڭنىڭ قۇدۇقىنىڭ تۈتۈنىدىن قۇياش ۋە كۆكنى قاراڭغۇلۇق باستى.

3تۈتۈننىڭ ئىچىدىن يەر يۈزىگە چېكەتكە ياغدى. ئۇلارغا يەر يۈزىدىكى چايانلاردەك چېقىش كۈچى بېرىلگەنىدى.

4ئۇلارغا يەر يۈزىدىكى ئوت-چۆپلەرگە ۋە ھەرقانداق ئۆسۈملۈك ياكى دەل-دەرەخلەرگە زەرەر يەتكۈزمەڭلار، پەقەت پېشانىسىدە خۇدانىڭ مۆھۈرى بولمىغان ئادەملەرگىلا زەرەر قىلىڭلار، دەپ ئېيتىلدى. ◘ 9:4 ئ‍ەز. 9‏:4؛ ۋەھ. 6‏:6؛ 7‏:3. *

5ئۇلارغا ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى بەش ئايغىچە قىيناشقا يول قويۇلدى؛ ئۇلار يەتكۈزىدىغان ئازاب ئادەمنى چايان چاققاندىكىدەك ئازاب ئىدى.

6شۇ كۈنلەردە، ئىنسانلار ئۆلۈمنى ئىزدەيدۇ، لېكىن تاپالمايدۇ؛ ئۆلۈمنى سېغىنىدۇ، لېكىن ئۆلۈم ئۇلاردىن قاچىدۇ. ◘ 9:6 يەش. 2‏:19؛ يەر. 8‏:3؛ ھوش. 10‏:8؛ لۇقا 23‏:30؛ ۋەھ. 6‏:16. *

7چېكەتكىلەرنىڭ قىياپىتى خۇددى جەڭگە ھازىرلانغان ئاتلارغا ئوخشايتتى. باشلىرىدا بولسا ئالتۇن تاجقا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بولۇپ، چىرايى ئادەمنىڭكىگە ئوخشايتتى. ◘ 9:7 مىس. 10‏:4. *

8چاچلىرى ئاياللارنىڭ چېچىغا، چىشلىرى شىرنىڭ چىشىغا ئوخشايتتى.

9ئۇلارنىڭ كۆكرىكىدىكى ساۋۇتى تۆمۈر ساۋۇتلارغا ئوخشايتتى؛ قاناتلىرىنىڭ ئاۋازى جەڭگە ئاتلانغان نۇرغۇن ئات-ھارۋىلارنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايتتى.

10چايانلارنىڭكىگە ئوخشاش قۇيرۇقلىرى ۋە نەشتەرلىرى بار ئىدى. ئادەمنى بەش ئاي ئازابقا سالىدىغان كۈچ بولسا قۇيرۇقلىرىدا ئىدى.

11ئۇلارنى ئىدارە قىلىدىغان پادىشاھى، يەنى تېگى يوق ھاڭنىڭ پەرىشتىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىبرانىيچە ئىسمى ئاۋاددون؛ گرېكچە ئىسمى ئاپولىيون ئىدى. ◼ 9:11 +bd «ئۇنىڭ ئىبرانىيچە ئىسمى ئاۋاددون؛ گرېكچە ئىسمى ئاپولىيون ئىدى»+bd* ــ بۇ ئىككى ئىسىمنىڭ مەنىسى «ھالاك قىلغۇچى».*

12بىرىنچى «ۋاي» ئۆتۈپ كەتتى. مانا، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىككى «ۋاي» كېلىدۇ. ◘ 9:12 ۋەھ. 8‏:13. *

13‏-14 ئالتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ مەن خۇدانىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن قۇربانگاھنىڭ تۆت مۈڭگۈزىدىن چىققان بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم، بۇ ئاۋاز كاناينى تۇتقان ئالتىنچى پەرىشتىگە:

15دەل شۇ سائەت، شۇ كۈن، شۇ ئاي، شۇ يىل ئۈچۈن ھازىرلاپ قويۇلغان بۇ تۆت پەرىشتە ئىنسانلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن باغلاقتىن بوشىتىلدى.

16بۇلارنىڭ ئاتلىق لەشكەرلەر قوشۇنىنىڭ سانى ئىككى يۈز مىليون ئىدى. ئۇلارنىڭ سانىنىڭ جاكارلانغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ◼ 9:16 +bd «بۇلارنىڭ ئاتلىق لەشكەرلەر قوشۇنىنىڭ سانى ئىككى يۈز مىليون ئىدى»+bd* ــ «ئىككى يۈز مىليون» گرېك تىلىدا «ئىككى تۈمەن ھەسسە تۈمەن».*

17غايىبانە كۆرۈنۈشتە كۆزۈمگە كۆرۈنگەن ئات ۋە ئۈستىگە مىنگەنلەر مانا مۇنداق ئىدى: ئاتلىقلارنىڭ كۆكرىكىدىكى ساۋۇتى چوغدەك قىزىل، كۆك ياقۇتتەك كۆك ۋە گۈڭگۈرتتەك سېرىق ئىدى. ئاتلارنىڭ باشلىرى شىرنىڭ بېشىدەك ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن ئوت، تۈتۈن ۋە گۈڭگۈرت چىقىپ تۇراتتى. ◼ 9:17 +bd «ئاتلىقلارنىڭ كۆكرىكىدىكى ساۋۇتى چوغدەك قىزىل، كۆك ياقۇتتەك كۆك ۋە گۈڭگۈرتتەك سېرىق ئىدى»+bd* ــ «چوغدەك قىزىل، كۆك ياقۇتتەك كۆك ۋە گۈڭگۈرتتەك سېرىق ئىدى» ياكى «ئوت، كۆك ياقۇت ۋە گۈڭگۈرتتىن ئىدى».*

18بۇ ئۈچ بالادىن، يەنى ئاتلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئوت ۋە تۈتۈن ۋە گۈنگۈرتتىن ئىنسانلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆلتۈرۈلدى.

19چۈنكى ئاتلارنىڭ كۈچى ئېغىزلىرىدا ۋە قۇيرۇقلىرىدا ئىدى؛ ئۇلارنىڭ قۇيرۇقلىرىنىڭ يىلانلارغا ئوخشاش بېشى بولۇپ، بۇلار بىلەن ئادەمنى زەخىملەندۈرەتتى.

20قالغان ئىنسانلار، يەنى بۇ بالايىئاپەتلەردىن ئۆلتۈرۈلمەي قالغانلار ئۆز قوللىرىنىڭ ئەمەللىرىگە توۋا قىلمىدى، يەنى جىنلارغا، كۆرەلمەس، ئاڭلىيالماس ۋە ماڭالماس ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ۋە ياغاچ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ۋاز كەچمىدى. ◘ 9:20 زەب. 115‏:4، 5، 6، 7؛ 135‏:15. *

© 2010 Institute for Bible Translation
v>